خىتاي قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى نۇسخىسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرماقچى


2007.04.20

خىتاي قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى نۇسخىسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا (WTO) يوللىماقچى. ئىلگىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى مەزكۇر ۋىرۇس نۇسخىسى مەسىلىسىدە ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلاشمىدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىلى خەنك بەكېدمەن، بېيجىڭ 2006 ‏- يىلىدىن بۇيان مەزكۇر ۋىرۇس ھەققىدىكى ھېچقانداق يىڭى ئۆرنەكلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئالدىنقى بىر يۈرۈش ۋىرۇس نۇسخىسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئورتاقلاشقاندىن بېرى، خىتايدا يەنە مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىر نەچچە يېڭى بىمارلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، WTO ئىنساننى يۇقۇملاندۇرۇش خەتىرى ئېغىر بولغان مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىش ئىقتىدارى ئۈستىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن ۋىرۇس نۇسخىسىنى تېخىمۇ جىددىي رەۋىشتە ئورتاقلىشىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 20 ‏- ئاپرىل بەرگەن خەۋرىدە ، خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى: " ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش جەھەتتە دۇنيا مىقياسىدا قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە ھۆكۈمىتىمىز دۇنيا جامائەتچلىكى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلدى" دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە يەنە، خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ لىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋىرۇس نۇسخىسىنى توشۇشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق سەۋەبلىك ۋىرۇس نۇسخىسىنى ئۆتكۈزۇپ بېرىشكە يەنە بىرنەچچە ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

2003 ‏- يىلى مەزكۇر ۋىرۇس 170 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئالىملار بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا تىز تارقىلىدىغان شەكىلگە ئۆزگىرىپ، يەرشارى خاراكتېرلىك ۋاباغا ئايلىنىپ مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.