تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدە ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەننىڭ لوپ بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ساقچىلارنىڭ رامىزانلىق ئۆي تەكشۈرۈشىدە، 6 كىشىنىڭ يوشۇرۇنچە روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان. ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە بۇلاردىن 5 نەپىرى 70 ياشتىن يۇقىرىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەقەت تەلىم-تەربىيە بېرىلىپ، «خاتالىقى»نى تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان، 30 نەچچە ياشلىق مەتسىدىق تۇتقۇن قىلىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
دائىرلەر قەشقەر ۋە ئاقسۇدا ئاھالىلەرنى روزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن، ھاشارغا سالغان. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئاھالىلەرنى روزا تۇتۇش قاتارلىق ئاتالمىش «قالايمىقان» ئوي ۋە ھەرىكەتلەردىن توسۇش ئۈچۈن بۇ ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەمگەككە جىدىي ئېھتىياج يوقلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات پرېزىدېنت دونالد ترمپنىڭ يىللىق دۆلەت نۇتقى يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. ئۇنى يىغىنغا تەكلىپ قىلغان ئاۋام پالاتا رەئىسى مايىك جونسون، يىغىندىن بىر كۈن ئاۋۋال ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ زىبا مۇراتنى مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا دەۋەت قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا مەھبۇس گۈلشەن ئابباس ۋە بارلىق بىگۇناھ تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەمكارلىقىدا، مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فۇرۇيا كېئىجى، دالاي لامانىڭ ۋەكىلى دوكتور تسېۋاڭ گيالو ئاريا ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
ياش پائالىيەتچى ئايدىن ئەنۋەر رامىزان كىرىشى بىلەن «مۇسۇلمانلار ئىشلىرى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېسىگە سالدى.
«تۈگىمەگەن دەرەت: خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە رامىزان» ناملىق بۇ ماقالىدە، ئاپتور رامىزاننىڭ خاسىيىتى يالغۇز ئىبادەتلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا بىر-بىرىگە مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، بىر-بىرىگە مەسئۇل بولۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئايدىن ئەنۋەر مۇسۇلمان دۇنياسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتماسلىققا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا، ھېچ بولمىغاندا دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
گېرمانىيەدىكى پەزىلەتلىك تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇغان ئىپتار پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن باشچىلىقىدىكى 7 كىشىلىك بىر ھەيئەت قاتناشقانلىقى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان.
ۋاشىنگتوندىكى مېھرىبان ئانىلار مەكتىپى 22-فېۋرال كۈنى، ئىستانبۇلدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى 17-فېۋرال كۈنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.
پروگراممىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى يۇقۇرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
