ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-12-30
شى جىنپىڭ بۇ يىل 10-ئايدا خىتايغا ئۆمۈرلۈك پادىشاھ بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىن باشلانغان «كوللېكتىپ رەھبەرلىك» شەكلى ۋە «ئىككى قاراردىن ئاشماسلىق» بەلگىلىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان.
2022-12-30
30-دېكابىر «خىتاي ئىشچىلار تورى» دا خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى بولغان ياڭاقنىڭ قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.
2022-12-29
24-دىكابىردا غۇلجادىكى «ئاشى ئالتۇن كانى» گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، كان ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 40 ئادەمدىن 22 كىشى قۇتۇلۇپ، 18 كىشىنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2022-12-28
بۇ يىل 11-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 64 پىرسەنت ئازىيىپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.
2022-12-27
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە «ئۇيغۇر» نامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بارا-بارا ئومۇملىشىشقا باشلىدى.
2022-12-25
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە چوڭ دۆلەتلەردىن تەڭ پايدىلىنىپ كۈچلىنىش نىشانى بۇنىڭغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتىكەن.
2022-12-23
كوۋىد ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دورا ۋە كېسەل كارىۋىتى يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن باشقا يەنە جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2022-12-23
شەنشىلىك ياۋ نىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي كادىرنىڭ قەشقەر شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە ئائىت بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
2022-12-20
بۈگۈنگىچە شىۋېتسىيە ئارخىپ ئىدارىسى گۇستاف راكېت كوللېكسىيونىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر- دەريالىرى» ناملىق بىر پارچە قوليازما كىتابى ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ كىتاب 1907-يىلى گۇستاف راكېت تەرىپىدىن يەكەندە شىۋېت تىلىدا يېزىلغان.
2022-12-19
17-دېكابىر ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، باش نازىرى ئەنۋەر سېيىتنىڭ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2022-12-19
1991-يىلى «سوۋېت ئىتتىپاقى» يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغانىدى.
2022-12-16
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ھەمدە سودا كارخانا ۋەكىللىرىدىن تەشكىللىگەن تاشقى سودا زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىشقا ئاتلانغان.
2022-12-15
3-دېكابىر كۈنى خەلق تورىدا «شىنجاڭ ‹دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش تەكلىپى›» نى ئېلان قىلدى نامىدا بىر خەۋەر بېرىلدى.
2022-12-14
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ.
2022-12-13
گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھە ۋە شۋېتسارىيەنىڭ زۇرىك شەھەرلىرىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تېما قىلغان مۇھاكىمە يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتكەن.