ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مالتېمىدىيا يەنى ئۇنۋېرسال ئاخبارات بۆلۈمى بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنى يولغا قويىدۇ. پروگرامما ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىلىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ سۇنغۇچىسى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر.
بىز مالتېمىدىيا بۆلۈمى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ خەۋەر يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىشى ۋە تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يازغۇچى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى
مەرھۇم ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئىدى.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى 1940-يىللاردا قەشقەردە تۇغۇلغان، 1969-يىلى ھەربىي قوماندان ئاخۇنۇپ ۋە مىجىت ھاجىلار يېتەكچىلىكىدە قوزغالغان خىتايغا قارشى قوراللىق ئىسيانغا ئىشتراك قىلغان. ئۇ شۇ قېتىمقى جەڭدە ئەسىرگە چۈشۈپ 15 يىللىق كېسىلگەن؛ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ھىجرەت يولىنى تاللاپ، شىۋېتسىيەدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەن.
مۇھاجىرەت ھاياتىدا خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىبىدە ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولغان ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى، ئۆزى ئىشتراك قىلغان جەڭ ھەققىدە يازغان «قارا جۇلدىكى جەڭ» ناملىق قىممەتلىك كىتابى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان.
مەرھۇم شىۋېتسىيەدە جان ئۈزگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ مەرھۇم ھەققىدە تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىغا يۇقۇرى باھا بەردى ۋە ئائىلە تاۋاباتىغا سەۋر تىلىدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، كالىفورنىيەدىكى پولىتېخنىكا مەكتىۋىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى
مۇھاجىرەتتە ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى، كالىفورنىيەنىڭ پاسادېنا شەھىرىدىكى پولىتېخنىكا مەكتىۋىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات بەردى. بۇ پائالىيەتكە، خەلقئارا تىنچلىق كاتالىزاتورى تەشكىلاتى يېقىندىن ھەمكارلاشتى. بۇ پائالىيەتتە ئىككى تەشكىلاتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن روشەن ئابباس خانىم بىلەن بىل كىلارەك ئەپەندى سۆز قىلدى.
ئۇلار سۆزىدە، قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان مەجبۇرى ئەمگەك، ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۆسمۈر بالىلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنە بۇ دوكلاتتا، روشەن ئابباس خانىم ئۆزى سەۋەبلىك 20 يىللىق كېسىلگەن ۋە تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ دېلوسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ پائالىيەتتە، ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى مەزكۇر قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى پاش قىلغان خىتاي پائالىيەتچى گۇەن خېڭ، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشتى
شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان خىتاي پائالىيەتچى گۇەن خېڭ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا سوتىدا سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشكەن.
ئۇ 2020-يىلى ئامېرىكىغا مىكسىكا چېگراسىدىن كىرگەنلىكى ئۈچۈن بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا چېگرا جاندارمىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە خىتاي ياكى ئافرىقىغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. گۇەن خېڭنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋىرى ئەينى چاغدا، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتاي ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. شۇڭا ئۇنىڭ تۇتۇلۇشى چەتئەلدەكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، گۇەن خېڭنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.
گۇەن خېڭنىڭ ئامېرىكا سوتىدا سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىنى، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشماقتا.
