ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى ( 2026-يىلى 8-فېۋرال)

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار " 5-فېۋرال" غۇلجا ۋەقەسىنى  خاتىرىلىدى

5-فېۋرال كۈنىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 1997-يىلى يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. مىسران دولان يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى شەنبە كۈنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ فايرفاكس شەھىرىدە مەزكۇر ۋەقەنى ئەسلەش ۋە ئەسلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال» غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى (RFA Video)

سالىھ خۇدايار يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندا نامايىش ئۆتكۈزۈپ مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلىدى.

پائالىيەتلەردە تەكىتلەنگىنىدەك، 5-فېۋرال ۋەقەسى يۈز بەرگەن 1997-يىلىدىن ئىلگىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە بىر تۈركۈم ياشلار زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىپ كەتكەن.بۇ، مەزكۇر ياشلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەمدىلا بېلىنى رۇسلاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نورمال ھاياتىغىمۇ ئېغىر زەربە بولغان.

شاھىدلەرنىڭ دېگىنىدەك، خىتاي ساقچىلىرى سىياسىي دېلولاردا كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈكىنى زەھەر ئەتىكەسچىلىرىگە قارىتا كۆرسەتمىگەن؛ ئەكسىچە كۆز يۇمۇش پوزىتسىيىسى تۇتقان. بۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر تۈركۈم ياشلار ۋەزىيەتتىن ۋەزىپە چىقىرىپ، مەشرەپ تەشكىللىگەن. مەشرەپتە نوپۇزلۇق دىنىي زاتلار تەبلىغ سۆزلەپ ، ياشلارنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن قول ئۈزۈشكە ئۈندىگەن. مەشرەپ، قىسقا ۋاقىيت ئىچىدە ياشلارنى زەھەرلىك چېكىملىكتىن توسۇشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان. ئەمما مەشرەپكە قاتناشقان ياشلار سانىنىڭ كۆپلىكى، ئېلىپ بېرىلغان تەبلىغ ۋە ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. نەتىجىدە خىتاي تەرەپ مەشرەپتە رول ئالغان بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان؛ مەشرەپ ياشلىرى تۇتقۇندىكى دىنىي زاتلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان. نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان.

ئالدىنقى كۈنلىرى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ نامايىش ۋە يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈپ مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلىدى.