ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026-يىلى 13-فېۋرال)

شەرقى تۈركىستاندا مەھبۇس پەرزەنتلىرى ئوقۇشسىز قالماقتا. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتى ئارفىيە ئ‍ابلەت ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا 3-قېتىم سايلاندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، لاگىرلار قۇرۇلۇپ 8 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلە — بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشى ۋە ئۆسمۈر يېشىدا جىسمانىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

شەرقى تۈركىستاندا مەھبۇس پەرزەنتلىرى ئوقۇشسىز قالماقتا، ئۆسمۈر يېشىدا ئەمگەككە تۇتۇلماقتا (RFA Video)

ئۈرۈمچىدىن تېلىفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى مەھبۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالىنىڭ راستىنلا مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم مەھبۇس پەرزەنتلىرى 18 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئوقۇشتىن توختىغان .

مۈلۇم بولۇشىچە ، مەزكۇر بالىلارنىڭ مەكتەپتىن توختىتىشىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ جازالىنىشى سەۋەبلىك، ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەردە ئىش تاپالىشىغا كۆزى يەتمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغان.

مەزكۇر خادىمنىڭ يەنە رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختىشىغا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقمۇ رول ئوينىغان. . يەنى بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بوۋا-مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالدۇرۇلغان. بوۋا-مومىسى ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ چاغدا بالىلار مەكتەپتىن توختاپ، قۇرۇلۇشچىلىق قاتارلىق جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان.

مەزكۇر ساقچىنىڭ دەلىللەشچە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان 3 ئاھالىلەر كومىتېتىدىن، ھازىرغا قەدەر 100 گە يېقىن مەھبۇس پەرزەنتى ئوقۇشتىن توختىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2-3 نەپىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن. كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى 15 يىلدىن يۇقىرى، ئاز بىر قىسمى 5-10 يىلدىن كېسىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلار مەزكۇر بالىلارنىڭ ئستىقبالىدىن ئەندىشە قىلمىغان، ئۇلارنىڭ پەقەت بىكارچىلىقتىن ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەدىشە قىلغان. شۇڭا مەزكۇر ساقچىنى بۇ بۇ بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتى ئارفىيە ئابلەتنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتىدىن سايلانغانلىقى، روشەن ئابباس خانىمنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىمىز، ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسانىڭ " قاماقتىكى روھ" ناملىق كىتاۋىدىن شىئىر دىكلىماتسىيەسى ئاڭلايسىلەر.

ئاڭلىتىشىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى يۇقۇرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ