قەشقەردە دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ چاغان پائالىيەتلىرىدىكى كۈلۈمسىرىشىگە نومۇر قويغان
ئىجتىمائىي تارقاتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلماقتا. بۇ پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن، قوللىرىدا يەلپۈگۈچ تۇتقان ھالدا خىتايچە ئۇسۇلغا سېلىنغان. كۆرۈنۈشلەردىن بەزى كىشىلەرنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم كۆرۈلسە، يەنە بەزىلەرنىڭ غەمكىن ھالىتى، بەزىلىرىنىڭ بولسا كۈلۈمسىرىشتە زورلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بىز بۇ «سىرلىق خۇشاللىق»نى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بىر ئىدارە خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چاغان تەبرىكلەش شەھەر ۋە كەنت ئەھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. مەسئۇل خادىملار پائالىيەتنى نەق مەيداندىن ۋە ۋىدىيو خاتىرىسىدىن كۆزىتىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا نومۇر قويغان. كەيپىيات «يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن» دەپ ئايرىلغان. بۇ يۇقىرى-تۆۋەنلىك قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈلكىسى ۋە كۈلۈمسىرىشىگە قاراپ بېكىتىلگەن. باھالاشتا تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشكەنلەر، يەنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈلمىگەن ياكى كۈلۈمسىرىمىگەنلەر، ئىدىيىسىدە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تەسىرى بار دەپ قارىلىپ، ئۇلارغا تەنبىھ-تەربىيە ئېلىپ بېرىلغان.
يەنە شۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، كەيپىيات باھالاشتا تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشكەن بەزى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈندە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ياكى ئائىلىسىدە بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مەسئۇل خادىملاردىن توغرا چۈشىنىشنى تەلەپ قىلغان ياكى ئۆزۈر تىلىگەن. كەنت كادىرلىرى بىردىن ساقچى خادىمى بىلەن بىللە چاغان پائالىيەتلىرىدىن كېيىن ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۆرسىتىلگەن يۇقىرىقى سەۋەب ۋە ئۆزۈرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
قەشقەردىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى چاغانلىق ئۆي تەكشۈرۈشىنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن باشلانغانلىقىنى، بۇ جەرياندا چاغانلىق پائالىيەتتە كەيپىياتى سۇس بولغانلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ساقچى ئۆزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەھەللىلەردە تۆۋەن نومۇر ئالغان 15-20چە ئاھالىنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە ساقچىخانغا ئاپىرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما باشقا كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانىمىزدا، بەزى كەنتلەردىكى تەكشۈرۈشتە گۇمانلىق ئەھۋاللار بايقالغانلىقى ۋە ئاھالىلەردىن ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما بۇنداقلارنىڭ سانىنى دەپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ چاغان تەرتىپ ساقلىغۇچىلىرى بىلەن ماجىراسى گوللاندىيە ئاخباراتىدا غۇلغۇلا قوزغىدى
15-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھىمايىسىدىكى بىر خىتاي تەشكىلاتى چاغان پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان. گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇرىھىم غېنى پائالىيەت سورۇنىغا كىرىپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چۈشۈرۈلگەن لوزۇنكىنى ئاچقان ۋە خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردەزلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جەرياندا ئابدۇرىھىم غېنى بىلەن پائالىيەتكە مەسئۇل خىتاي تەرتىپ ساقلىغۇچىلار ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن. بۇ ماجىرا ئۆتكەن ھەپتە گوللاندىيە ئاخباراتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
گوللاندىيە كۈندىلىك خەۋەرلىرى گېزىتى، ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ قولىدا پەقەت لوزۇنكا بارلىقى ۋە نارازىلىقىنى تىنچلىق شەكلىدە بايان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي تەرتىپ ساقلىغۇچىلىرىنىڭ ھەددىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بەزى ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى مەزكۇر پائالىيەت زالىدا نامايىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن پائالىيەت زالىدىن مەجبۇرىي چىقىرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گاگا شەھەرلىك مەجلىس ۋەكىل نامزاتلىرىدىن تاھسىن جېتىنكایا، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي دۆلىتىنىڭ غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە يالغۇز كىشىلىك بىر نامايىشچىغا بىر قانچە خادىمنىڭ توپلىشىپ كېلىپ بۇ دەرىجىدە قاپال تەدبىر قوللىنىشىنى «دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ» دەپ ئەيىبلىگەن.
دۇنيا دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشتى
16-فېۋرالدىن 19-فېۋرالغىچە گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى باشلىقى ئابلىكىم ئىدرىس ۋە رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجالار قاتناشقان. بۇلار يىغىننىڭ ئوخشىمىغان تارماقلىرىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ پائالىيەت داۋامىدا دۇنيادىكى مەشھۇر سىياسەتچىلەر، سەنئەتكارلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن تونۇشۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
پروفېسسور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان
تۈركىيەنىڭ ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە دەرس بېرىۋاتقان پروفېسسور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى تۈركىيەنىڭ نۇپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە «شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ لېكسىيەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمىي ۋە يېقىنقى تارىخى، ئوسمانلى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تۈركىيە بىلەن ئالاقىسى؛ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ 2017-يىلى قۇرۇلغان لاگېرلار ھەققىدە ئالاهىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ۋە كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شائىرە راھىلە كامال دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
مەزكۇر ئۇيۇشما مۇشۇ ھەپتە رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە راھىلە كامالنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن رەئىسلىككە سايلىدى. راھىلە كامال «ئىلى كەچلىك گېزىتى»نىڭ سابىق تەھرىرى بولۇپ، 20 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋە 2018-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تور ماتېرىياللىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قانچە مەيدان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئون نەچچە كىتاب نەشر قىلدۇرغان. 2020-يىلى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ «تۇرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار» دېگەن تېمىدا دوكلات ئېلان قىلغان. تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇر ۋە باياناتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلات مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
ئاۋسترالىيەدە تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسى K-Mart نى سوتقا تارتتى
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسى ئۆتكەن يىلى چوڭ سودا زەنجىرى K-Mart نى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بەھرىمان بولۇش گۇمانى بىلەن سوتقا تاپشۇرغان. ئارىلىقتا بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يېقىندا مىلبورنۇ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ دېلو ھەققىدە سوت ئاچقان. بەش سائەتكە سوزۇلغان سوتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئادۋوكاتلىرى كەسكىن تالاش-تارتىش قىلغان. سوتتا K-Mart تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ 2017-يىلى لاگېرغا سولانغانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ فابرىكىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى، K-Mart نىڭ نۆۋەتتىكى ئەرزان كىيىم-كېچەكلىرىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ قان-تەرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر تەرەپ K-Mart قا مال بېرىۋاتقان ئىككى تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە قولىدا ئىشەنچلىك ئىسپات بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، K-Mart تىن ئەنە شۇ ئىككى تەمىنلەش زەنجىرىگە ئائىت بىر قىسىم ھۆججەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. سوتچىلار ئىككى تەرەپنىڭ باياناتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمنى كېيىنگە قالدۇرغان.
