ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 ‏-يىل، 6 ‏-مارت)

خىتاي، غۇلجا بەيتۇللا مەسچىتىنى چېقىشنى پىلانلىغان. شەرقى تۈركىستاندا رامىزان ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشماقتا. ئۇيغۇر ئەدىپ يالقۇن روزى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئاكتىپ پائالىيەتچى سىيىت تۈمتۈرك گىرىتسىيەنىڭ غەربى تراكيا تەۋەلىكىنى زىيارەت قىلدى. رابىيە قادىر: تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك.

ساقچى خادىمى : بەيتۇللا مەسچىتى مۇشۇ ئاي ئىچىدە چېقىلىدۇ

بۇ ھەپتە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرقانچىسى غۇلجا شەھىرىدىكى قەدىمىي مەسچىت بەيتۇللانىڭ چېقىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، بەيتۇللا مەسچىتى قەدىمىيلىكى، قۇرۇلما جەھەتتىن زامانىۋىيلىقى، شۇنداقلا كۆپلىگەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىزى قالغان، ئاۋازى سىڭگەن بولۇشى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن غۇلجا خەلقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەۋەرۈكلىرىدىن بىر سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.

بىز مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم بىرلىك سەپ ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىمى، مەزكۇر مەسچىتنىڭ چېقىلىش پىلانىنى ئىنكار قىلمىدى، ئۇ پەقەت بۇ ھەقتە ئابدۇراخمان ئىسملىك بىر مەسئۇل خادىمىنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەمما مەسئۇل خادىم ئابدۇراخمان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

بىز ئارقىدىن غۇلجا شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم، قوللىرىدا بەيتۇللا مەسچىتىنى چېقىشقا ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا «بار» دەپ جاۋاب بەردى.

شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى خادىمىمۇ قوللىرىدا «بەيتۇللا»نى چېقىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى، مەسچىتنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە چېقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئەمما ئېنىق ۋاقتىنى دەپ بېرەلمىدى.

تور ئارخىپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە، 1760-يىلى قۇرۇلغان بۇ مەسچىت 1865-يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن، ئارىسىدىن 116 يىل ئۆتكەندە، يەنى 1981-يىلى يەنە بىر قېتىم يېڭىلانغان، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تالىشىپ مەبلەغ سېلىشى بىلەن زامانىۋى قۇرۇلما ئىگە بولغان.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن جان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق زورۋانلىقنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەقسىتىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى دەپ ئاتىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنى بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

شەرقى تۈركىستاندا رامىزان ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلمىدى

(خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان نۇپۇسى كۆپ سانلىق بولغان شەرقىي تۈركىستاندا، رامىزان ھەققىدە خەۋەر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقاتمىدى)

رامىزان باشلانغىنى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھېچقانداق خەۋەر ياكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلمىدى. رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىنى كۆزەتكەنمىزدە ئالدىنقى 8 خەۋەرنىڭ 7 سى شى جىنپىڭنىڭ نامى بىلەن باشلانغان بولۇپ، خەۋەرلەرنىڭ ھېچ بىرىدە رامىزان دېگەن سۆز ئۇچرىمىدى.

بىز بىر قانچە كۈندىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون ئېلىنمىدى. ئاخىرى خىتاي دۆلەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر جەمئىيەتتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىممۇ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا رامىزان بەلگىلىمىسى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جامائەت پىكرى بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن بېرى رامىزان چەكلىمىسى ھەققىدە يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىشنىڭ ئورنىغا ئېغىزاقى يەتكۈزۈش يولىنى تاللىغان.

ئىلشات ھەسەن، خىتاينىڭ رامىزان چەكلىمىسىدىكى بۇ تەشۋىقات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چوڭ تۇتقۇندا ئەقەللىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار 10-20 يىللاپ كېسىلگەندىن كېيىن، كۆپ ساندا كىشىلەر روزا تۇتۇشتىن تەبىئىي ھالدا چۆچۈگەن. دائىرىلەر بۇ ئەھۋالغا قارىتا رامىزان چەكلىمىسىنى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئورگانلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاساسىي قاتلامدىكى خادىملىرى ئارقىلىق ئىجرا قىلىشنى تاللىغان.

يەنە تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بەزى ساقچى خادىملىرى يېقىنقى يىللاردىكى ئاتالمىش دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى ھەرىكەت دولقۇنىنىڭ نەتىجىسىدە روزا تۇتۇش قاتارلىق « قالاقلىقلارنىڭ» ئاساسەن قالمىغانىقىنى ، ئككى يىلدىن بېرى روزا تۇتقانلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن جان ئالاۋۇدۇن ۋە سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 1-مارت كۈنى شىۋىتسارىيەگە يېتىپ كېلىپ، جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت نىڭ 61-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە، جۈملىدىن نۆۋەتتىكى رامىزان چەكلىمىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ھەيئەتنىڭ جەنۋەدىكى بۇ پائالىيىتى 7 كۈن داۋام قىلىدۇ. مەزكۇر ھەيئەت بۇ جەنۋەگە سەپەر قىلىشنىڭ ئالدىدا گېرمانىيە پارلامېنتىدا خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى جىممى لەي ھەققىدە ئېچىلغان بىر يىغىنغا قاتناشقان ۋە ئۇ سەھنىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى گېرمان پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرىگە تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئەدىپ يالقۇن روزى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان يازغۇچى يالقۇن روزى 2026-يىللىق «گراسيېلا فېرناندېس مېيجىدې» نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇكاپات ئۇقتۇرۇشىدا يالقۇن روزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ساھەسىدىكى تۆھپىلىرى تىلغا ئېلىنىپ، مۇشۇ خىزمەتلىرى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جازالانغانلىقى بايان قىلىنغان.

2023-يىلى ئارگېنتىنالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گراسيېلا فېرناندېس مېيجىدې تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بۇ مۇكاپات دىكتاتور ھاكىمىيەتلەر ئاستىدا ياشاۋاتقان ۋە ھاياتىي خەۋپ ئىچىدە تۇرۇپمۇ ھەقىقەتنى يېزىش ۋە سۆزلەشتىن ۋاز كەچمىگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

رەسمىي تارقىتىش مۇراسىمى 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇكاپات دەسلەپتە لاتىن ئامېرىكىسىدا تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىم دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلىشى بولماقتا. يازغۇچى يالقۇن روزى بۇ يىل لاتىن ئامېرىكىسى سىرتىدىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 5 كىشىدىن بىرىدۇر.

ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يالقۇن روزى دېلوسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى تومارىس يالقۇننىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

ئاكتىپ پائالىيەتچى سىيىت تۈمتۈرك گىرىتسىيەنىڭ غەربى تراكيا تەۋەلىكىنى زىيارەت قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، قەيسەرىدىكى شەرقى تۈركىستان ماارىپ ۋە ھەمكارلىق ەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى سىيىت تۈمتۈرك ، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مۇستافا دەستىچىنىڭ تەكلىپى بىلەن ەىرىتسىيەنىڭ غەربى تراكيا تەۋەلىكىنى زىيارەت قىلىپ ، ئۇ يەردە ئىتار پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى, سىيىت تۈمتۈرك ئۇنىڭ ئالدىدى ئانادولۇ ياشلىرى تەشكىلاتى بىلەن مىللىي ياشلار قەمىيىتىنىنىڭ تەكلىۋى بلىلەن ئوردۇ شەھەرلىك ھكۆۈنمەت ئورۇنلاشتۇرغان بىر يىغىلىشقا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ئىدى, سىيىت تۈمتۈرك يېقىنقى يىللاردا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىمۇ كۆپ چېتىم زىيارەت قىلىپ يەرلىك خەلقلەرگگ شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتنى تونۇشتۇرغان ئىدى, ۇ بۇ سەپەرلىرىدە خەتەر ئاستىدا تۇرىۋاتقان 10 نەچچە مىڭ ئۇيغۇر مۇھاقىرنىڭ تۈركىيەگە يۆتكىلىشىەگە غوڭ ھەسسە قاتقان ئىدى

رابىيە قادىر: تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك

ئۆتكەن ھەپتە تايلاندتىن 40 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

خىتاينىڭ بۇ خىل پاجىئەلەر ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسى تۇتىدىغانلىقى ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ۋەقەنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىم، زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن ھەپتە يەنە ب د ت مۇتەخەسسىسلېرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىردى.

ئۆتكەن ھەپتە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا لىنكدېن تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىل تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توسۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى خۇلاسىلىدى.

رابىيە قادىر خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئالقىشلىدى ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى پانامادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ئىدرىس بۇ ھەپتە پانامادا ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە قارىتا خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە مۇزاكىرەلەر ئېلىپ باردى.

ئۇلار ئامېرىكىنىڭ پاناما ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پاناما ئامېرىكا مەركىزى ۋە پانامادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا 3-قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدۇر. ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مېكسىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئېچىلغان بىر يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە ئېقىپ كىرىۋاتقان تۆكمە ماللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.