روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان روزىنىسا مەتروزى قاماقخانىدا جان ئۈزگەن
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، رامزاننىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىكى ئۆي تەكشۈرۈشتە، روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان 6 كىشىدىن بەش نەپىرىنىڭ ياشتا چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. بىز بۇ ھەپتە بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئىز قوغلاپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاھالىلەردىن بىرى، ئۆتكەندە روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەردىن، روزىنىسا ئىسىملىك ئايالنىڭ قايتا تۇتۇلغانلىقى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن، يەنى 8-مارت كۈنى ئۇنىڭ قاماقخانىدىن جەسىتى چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، روزىنىسا بۇ يىل 62 ياش بولۇپ، لوپ بازىرىنىڭ قوغان كەنتىدىن ئىكەن.
لوپ بازىرىدىن تېلىفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، يېقىندا قاماقخانىدا ئۆلگەنلەر بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، بار دەپ جاۋاپ بەردى، ۋە ئۆلگۈچىنىڭ 60 نەچچە ياشلىق روزىنىسا مەتروزى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار ئاھالىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، روزىنىسا دەسلەپتە تۇتۇلغاندا، يېشىنىڭ 70 ياشتىن ئاشقانلىقىنى بايان قىلغىنى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن ساقچىلار روزىنىسانىڭ سالاھىيەت كېنىشكىسىدىكى يېشىنىڭ 62 ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنى قايتىدىن تۇتقۇن قىلغان. بۇ جەرياندا، روزىنىسا ئۆزىنىڭ 70 تىن ئاشقانلىقى، كىملىكتىكى يېشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ ساقچىلار بىلەن تاكاللاشقان. ساقچىلار بۇنى جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش دەپ قاراپ، روزىنىسانى قولىغا كويزا سېلىپ دەرھال ساقچىخانىدىن قاماقخانىغا يۆتكىگەن،
مەزكۇر ساقچى خادىمىمۇ، روزىنىسانىڭ روزا تۇتۇشتىن باشقا يەنە قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن قامالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەمما روزىنىسانىڭ قاماقخانىدا قانداق سەۋەپ بىلەن ئولگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت چاغان پائالىيىتىدە چىققان ماجىرادا ئابدۇرەھىم غېنىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى زوراۋانلىق دەپ ئەيىبلىدى
14- فېۋرال كۈنى گوللاندىيىنىڭ گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئوتكۇزۇلگەن چاغان پائالىيىتىدە پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنى بىلەن خىتاي نازارەتچىلەر ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن. بۇ گوللاندىيە ئاخباراتىدا غۇل-غۇلا قوزغىغان ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت 11-مارت كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سو‘ئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتتە لوزۇنكا ئېچىپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشىنىڭ تامامەن يوللۇق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى، خىتاي نازارەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بولسا قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغان بىر زوراۋانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ھۆكۈمەت يەنە، ئەسلىدە خىتاي نازارەتچىلەرگە پەقەت كۈزىتىش، كۆز-قۇلاق بولۇپ بېرىش ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكى، ھەرگىز قول سېلىپ ئارىلىشىش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكى، ۋەقەگە قول سېلىپ ئارىلىشىش ھەققىنىڭ پەقەت يەرلىك گوللاندىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت يەنە، خىتاي نازارەتچىلەرنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ ھەرىكەت قىلىپ، يەرلىك بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى بىلدۈرگەن.
ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن يەنە، گوللاندىيىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئورگانلىرى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ خىتاي نازارەتچىلەر ئۈستىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ۋەقە ھەققىدە رەسىمىي دېلو تۇرغۇزغان.
خىتاينىڭ غوللۇق بىر تەشۋىقات سۇپىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇرەھىم غېنىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئېلان قىلغان
خىتاينىڭ «رەۋەئال سكۇم» يەنى «رەزىللىكلەرنى پاش قىلىش ئارخىپى» نامىدىكى توربېتى يېقىندا بىر تۇركۇم «ۋەتەن خائىن» لىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. 100 گە يېقىن كىشىنىڭ ئىسمى ۋە كەچۈرمىشى تىلغا ئېلىنغان بۇ ئارخىپتا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غېنىمۇ قىستۇرۇلغان.
ئوزلىرىنى ئاتالمىش مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى دەپ ئاتىۋالغان بۇ توربەتتىكى تەسۋىردە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ۋە ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردە ساختىپەزلىك قىلىپ كۇن كەچۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
مەزكۇر توربەت ئېلان قىلغان بۇ قېتىمقى قارىلاش تىزىملىكىدە مەخسۇس بىر دۆلەت ئورگىنىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما بۇ تور بەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، بولۇپمۇ تور ھۇجۇمى مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ توربەتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھوكۇمىتىنىڭ ج ھ مىنىستىرلىكى بارلىقى، ۋە ئۇلار ئوز ئەيىپلىمىلىرىنى ئېلان قىلىشتا، بۇ خىل تەشۋىقات سۇپىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇرەھىم غەنى بۇ ھەقتە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنىڭ خىتاي ئەمەس، شەرقى تۈركىستان ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ئەيىپلىمىلەرنى پەرۋايىغا ئالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىغان ياپون پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئابلەتنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى
خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر پەرزەنتى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە مۇۋا‘ئىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەتنى قارىلاپ مەخسۇس ۋىدىئولۇق خەۋەر ئىشلىگەن ئىدى . مەلۇم بولۇشىچە ئارفىيەنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىپلىشى خىتاي تەرەپنىڭ نېرۋىسىغا تەككەن بولۇپ، ئۇلار بۇ خەۋىرىدە ئارفىيە ئابلەتنى زەھەرلىك تىكەن دەپ ئەيىبلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتىنى بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي سەھنىدە چاقنىشىغا چىدماسلىق قىلىش ۋە ئىرقچىلىق دەپ ئەيىبلىدى.
بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان قۇرۇلتاي رە‘ئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، خىتاينىڭ ئارفىيە ئابلەتكە قارشى ھۇجۇمىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نەقەدەر ئۆچمەنلىك ۋە نە قەدەر ئەندىشە بىلەن قارايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئىزاھلىدى. ئۇ خەلقارا جاما‘ئەتنى ياپونىيەدەك ئەركىن ۋە قۇدرەتلىك دولەتتىكى بىر ئۇيغۇرغا بۇ دەرىجىدە يولسىز ھۇجۇم قىلغان خىتاي دا‘ئىرىلىرىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى.
تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 67-يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلرىمۇ قاتناشتى
10 مارت كۈنى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە تىبەتلىكلەر، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 68-يىللىقىنى نامايىش ئارقىلىق خاتىرىلىگەن. خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن " ئىلھام توختىنى قوللاش ھەرىكىتى" تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى، سابىق شەرقى تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان قۇرۇلتىيىنىڭ رە‘ئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن شۆبىسىنىڭ مەسۇلى غەيۇر قۇربان قاتناشقان.
ئەنۋەرجان ئەپەندى پائالىيەتتە، مىللىي رەھبەرلەردىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئىسا يۇسۇپ ئالپ تېكىنلەرنىڭ ئەينى يىللاردا تىبەت روھانىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كورۇشكەندىكى خاتىرە سۇرەتلىرىنى كوتۇرۇپ چىقىپ، خىتايغا قارشى ئۇيغۇر-تىبەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېسىگە سالغان.
تىبەت 1951 -يىلى، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇ ئىشغالىيەتكە قارشى 1959 -يىلى 10-مارت كۈنى تىبەتتە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، دالاي لاما ۋە سەبداشلىرى ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر تارىخىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشنىڭ يېڭى بىر مۇنبىرى ھازىرلاندى
ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى ناملىق 13 توملۇق كىتابنىڭ ئاپتورى، رادىيومىزنىڭ سابىق تەھرىرى دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخى تور دەرسخانىسى ئۆتكەن ئايدا رەسمىي دەرس باشلىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر 7 دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق مەخسۇس ئوقۇغۇچى ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىدە دەرس ئالماقتا.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەبىجان تۇرسۇننىڭ لېكسىيەلەرىنىڭ شەخسىي ھېسسىيات ۋە پەرەزلەردىن خالىي بولۇشى، پەقەت، دۆلەت ئارخىپلىرى، يازما يادىكارلىقلار، تارىخىي شەخلسلەرنىڭ بايانلىرى قاتارلىق پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، شۇنداقلا ئاممىباپ ۋە قىزىقارلىق ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىشى، لېكسىيەنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان.
بۇ لېكسيەنىڭ پۇللۇق بولۇشى، يەنى دەرسخانىنىڭ ئوز خىراجىتىنى ئۆزى قامداپ مېڭىشىمۇ، ئۇيغۇر تارىخ لېكسىيىسى تارىخىدىكى بىر يېڭىلىق دەپ قارماقتا.
خىتاي سەنئەتكار: قولۇمدا ئۈرۈمچىدە لاگىردىكىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ۋىدىئو خاتىرىسى بار
گېرمانىيىگە يېڭى كەلگەن بىر خىتاي سەنئەتكار گاۋ جيەنمىڭ، رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قولىدا ئۈرۈمچىدە لاگىردىكىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدىئو خاتىرىسى بارلىقىنى ۋە بۇ كۆرۈنۈشلەرنى پات ئارىدا خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 2024-يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدە خۇسۇسىي فىلم ئىشلەش ئۈچۈن كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە ئىزدەۋاتقان مەزگىلىدە، ئوزىدىن بىر كىلومېتىرچە يىراقلىقتا، كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ تۆمۈريول ياقىسىدا ئەمەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، مەزكۇر كۆرۈنۈشتىن بىر غەيرىي نورماللىقنى بايقىغان، گاۋجيەنمىڭ، ئۇلارغا قاراپ يېقىنلاشقان. ئۇ بەش مېتىرچە ئارىلىقتىن كورگىنىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ سېرىق كىيىم كىيىۋالغانلىقى، 10 نەچچە كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىر نازارەتچى ئاستىدا ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ بۇلارنىڭ لاگىردىن ئاچىقىلىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال نەق مەيداننى سىنغا ئېلىشقا باشلىغان. دەل شۇ چاغدا، ئۇلارنى ئەمگەككە سېلىۋاتقان نازارەتچىلەر ئۇنىڭغا ۋارقىراپ رەسىمگە تارتماسلىقنى ۋە ساقچى كەلگىچە جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇشنى بۇيرىغان. ئۇ شۇندىلا ئوزىنىڭ بېشىغا بىر ئاۋارىچىلىق كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ساقچىنى ساقلىماستىن نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان.
گاۋ جيەنمىڭ ئۆيىگە قايتقاندا بۇ ۋىدىيونى مەخسۇس ئارخىپقا ساقلىۋالغاندىن كېيىن ئاپىراتتىن يۇيۇۋەتكەن، شۇڭا كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن مەسىلە تاپالمىغان. ئەمما ئۇ، «رۇخسەتسىز خۇسۇسىي فىلم ئىشلەش» بىلەن ئەيىبلىنىپ مەمۇرى جازا ئالغان ۋە 75 مىڭ يۈئەن جەرىمانە تۆلىگەن.
قولىدىكى رەسىملەردىن بىرقانچىنى رادىيومىزغا سوزلىگەنلىرىگە پاكىت سۈپىتىدە يوللىغان گاۋ جينمىڭ نۆۋەتتە قولىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىنى رەتلەۋاتقانلىقى، مۇۋاپىق پۇرسەتتە خەلقارا ئاخباراتقا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
