رابىيە قادىر خانىم، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن رادىيومىزغا بايانات بېرىپ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى. شەرقى تۈركىستادا نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنىڭ 9-يىلىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، بۇلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۇچۇن مۇھاجىرەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق پائالىيەتچىلەرنى تەبرىكلىدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى بەخت-سائادەتلىك يىللىرىغا شۇ چاغلاردا قۇرغان دۆلەتلىرىنىڭ، نۆۋەتتىكى قارا كۈنلىرىگە بولسا دولەتسىزلىكنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، بۇ مۇبارەك كۇنلەردە، شۇ دۆلەت ئاتىلىرىمىزنى، مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسلەشكە، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى يوقلاشقا دەۋەت قىلدى.
خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى خەلقارا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇشۇ ئاينىڭ 12 -كۇنى ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇش قانۇنى“ نامىدا بىر قانۇن ئېلان قىلغان ۋە بۇ قانۇندا ، ”جوڭخۇا ئېڭىنى يېتىلدۇرۇش ۋە جوڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈش“ تىن ئىبارەت ”بىر دۆلەت، بىر مىللەت“ تەشەببۇسىنى قاتتىق تەكىتلەنگەن ئىدى. بۇ قانۇن خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۇرك، بۇ قانۇننى" پۇقرالارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىنى بوغۇش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىش لايىھىسى" دەپ تەنقىد قىلغان.
خەلقارا كىشىلىك ھوقۇقنى كوزىتىش تەشكىلاتى بولسا، بۇ قانۇننى ”ئاسىمىلاتسىيەنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش“ دەپ ئەيىبلىگەن.
تەيۋەن ھوكۇمىتىمۇ بۇ قانۇنغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى باھانە قىلىپ تۇرۇپ دۆلەت سىرتىدا زورۋانلىق ئېلىپ بېرىشنىڭ يولىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر كوزەتكچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن ئەمەلىيەتتە خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستادا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنى ھوكۇمەت، مائارىپ ۋە چوڭ تىجارىي ئورۇنلىرىدىن سىقىپ چىقىرىش سىياستىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇرىلىشىدۇر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىقى نۇقتىلارنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، بۇ قانۇندىكى بەزى ماددىلارنى ”شەرقىي تۈركىستاغا خىتاي كوچمەن ئېقىمىنى رىغبەتلەندۈرۈش“ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بولسا، مەزكۇر قانۇننى ”مىللەتلەر ئارا توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى شالغۇتلاشتۇرۇش يەنى ساپلىقىنى بۇزۇش“ دەپ تەنقىد قىلغان.
سالىھ خۇدايار ۋە مەمتىمىن ئەلا يېتەكچىلىكىدىكى شەرقى تۈركىستان سۇرگۇندى ھۆكۈمىتى ، خانس ئىندىئا ناملىق ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىنى ”خىتاي ئىمپىريالىزىمى ۋە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش لايىھىسى“ دەپ ئەيىبلىگەن.
كوزەتكۇچىلەرنىڭ دېيىشىچە خىتاي بۇ قانۇنى ئارقىلىق 1984 -يىلى ئېلان قىلغان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قەغەزدە يۈزىدە بېرىلگەن بىر قىسىم ھەقلەرنى ئاشكارا ھالدا ئىنكار قىلغان،
خوتەن ۋە تۇمشۇق ئايرىدۇرۇمىنىڭ نام تاختىسىدىن ئۇيغۇرچە خەت ئوچۇرۇلگەن
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خوتەن ئايرۇدۇرۇمنىڭ ۋىۋىسكىسى يەنى نام تاختىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئوچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە بىر سۆرەتلىك خەۋەر تارقالدى. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا، خىتاي " مىللەتلەر ئىتتىپقالىقىنى ئىلگىرى سۇرۇش قانۇنى" يولغا قويۇپ ھەپتە ئۆتمەي، شەرقى تۈركىستادىكى بىر قىسىم ئايرۇدۇرۇملارنىڭ نام تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئوچۇرۇلگەنلىكى دەلىللەندى.
بىز ئالدى بىلەن خوتەن ئايرۇدۇرۇمىغا تېلىپون قىلىپ، ئايرۇدۇرۇمنىڭ نام تاختىسىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. تېلىفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، نام تاختىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇيغۇرچە نامنىڭ قاچان ئوچۈرۈلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتە رەھبىرى خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بەرمىدى.
بۇ ئايرۇدۇرۇمنىڭ يەنە بىر بىر مەسئۇل خادىمىمۇ، مەزكۇر ئايرۇدۇرۇمدا ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى، ئەمما ، بۇنىڭ قاچان ئوچۇرۇلگەنلىكى ۋە ئوچۇرۇلۇشىڭ ، " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى" بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇمۇ بۇ ھەقتە ئوزىدىن بىر دەرىجىدە يۇقىرى ئورگاندىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئوزىنى قاچۇردى.
بىز ئارقىدىن تۇمشۇق ئايرۇدۇرۇمىغا تېلىپون قىلدۇق. تېلىپونىمىزنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خادىم، ئايرۇرۇدۇم نام تاختىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يوقلۇقۇنى دەلىللىدى، بۇ ئايرۇدۇمدىكى باشقا خادىملارمۇ، ئۇيغۇرچىنىڭ قاچاندىن بېرى ئوچۈرۈلگەنلىكى ۋە نېمە ئۇچۇن ئوچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرەلمىدى، ئەكسىنچە سوئاللىرىمىزدىن جىددىيلىشىپ، ئايرۇدۇرۇمدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ، شۇنداقلا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى ئاقلاشقا ۋە پەدەزلەشكە تىرىشتى.
بىز ئاخىرىدا قەشقەر ئايرىدۇرۇمىغا تېلىفون قىلدۇق. ئايرۇدۇرۇم مۇلازىمەت خادىمى، ئايرۇدۇرم سىرتىدىكى نام تاختىدا ئۇيغۇرچە خەت بار-يوقلۇقىنى بىلمەيدىغانلىقنى، ئەمما ئوزى ئىشلىۋاتقان ئايرىدۇرۇمنىڭ ئىچىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ يوقلۇقۇنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى لەۋھە، لوزۇنكا، ۋە ۋىۋىسكىلارنىڭ تېخى بىرقانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا بار ئىكەنلىكىنى، قوللىنىشتىن قالدۇرۇلغىنى ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئايرۇرۇدۇمدىكى يولۇچىلاردىن بىرى ، بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئايرۇدۇرۇم نام تاختىسىنىڭ ئىككى قېتىم ئالماشقانلىقى يەنى، دەسلەپتە، ئۇيغۇرچە-خىتايچە يېزىلغان نام تاختا ئورنىغا پەقەتلا خىتايچە خەت يېزىلغان نام تاختا ئېسىلغانلىقى، ئەتىسى بۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە يېزىلغان تاختىنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەزكۇر يولۇچىنىڭ بۇ بايانىدىن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ، يۇقىرىقى قانۇننى ئىجرا قىلىشتا ئوز ئەھۋاللىرى ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ پەرقلىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئۇيغۇر كوزەتكۇچۇلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ھوكۇمەت ، مائارىپ سودا ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش قەستىنىڭ ئىشغالىيەت بىلەن تەڭ باشلانغانلىقى، نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچلىق باسقۇچىدا، يەنە بىر بالداق يالىڭاچ ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە.
دۇق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى
ئۆتكەن ھەپتە يەنى 10-مارت كۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر ھەيئەت ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىككى كۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىدىن، ئەنگىن ئەروگلۇ قاتارلىق بىر قىسىم پارلامېنت ئەزاسى ۋە خادىملىرى بىلەن كورۇشۇپ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. نۆۋەتتىكى رامىزان ۋەزىيەتتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان ھەيئەت، رادىيومىز ئاشكارىلىغان خوتەندە 6 ئۇيغۇرنىڭ روزى تۇتقانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلغانلىقى ۋە بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ چېقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى قاتارلىق يېقىنقى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتىدىن، خىتايغا قارىتا تەكلىپ ، تەۋسىيە ۋە تەنقىدلەردىن ھالقىپ جازالاش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق زورۋانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى دوكلات قىلىندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۇنى ب د ت ئاياللار كومىتېتىنىڭ 70 -نۆۋەتلىك يىغىنغا پاراللېل ھالدا ئېچىلغان" ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك: ئاياللارغا قارىتا رەقەملىك (ئىلغار تېخنىكىلىق) زوراۋانلىق" دېگەن تىمىدىكى يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا تەشكىلات رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ رەقەملىك يەنى ئىلغار تېخنىكىلىق زورۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.خىتاينىڭ ئەنئەنىۋىي زوراۋانلىق ۋاستىلىرىن باشقا يەنە، يۇز تونۇش، ئاۋاز تونۇش قاتارلىق بىر يۇرۇش يېقىنقى زامان ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تېخىمۇ ئېغىر كونترول ئاستىغا ئالغانلىقى ۋە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
روشەن ئابباس سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق زوراۋانلىقىنى شەرقىي تۈركىستادا قوللىنىپ سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن خوڭكوڭدا قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ۋە خەلقئارادىكى ئوزىنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىپ، دۇنيا تېنچلىقىغا تەھدىت يارىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن " ماشىنىنىڭ كۆزى" ناملىق فىلم ياۋروپادا دىققەت قوزغىدى
گوللاندىيەدە ئۆتكەن يىلى، لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋالىقلىئىرىنى ئاساس قىلىپ " ماشىنىنىڭ كۆزى" ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلم ئىشلەنگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ فىلم ياۋروپادا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىززىققۇچىلارنىڭ كۇچۇلۇك دىققىتىنى قوزغىغان .ھازىرغا قەدەر، گوللاندىيە، چېخىيە، گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقانچە مەيداندىن 10 نەچچە مەيدانغا قەدەر قويۇلغان. بىز بۇگۇن لاگىر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق بىلەن بۇ فىلمنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكلىرى ۋە ھازىرغا قەدەر قوزغىغان تەسىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
