مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

بۇ يىل روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمى بىللە كەلگەچكە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قوش خۇشاللىق ئىلكىدە ھەر تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى

20-مارت سەھەردە، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرى، ۋېرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئىشتاتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ، روزا ھېيت نامىزى ئوقىدى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن، ھەتتا روزا تۇتقان كىشىلەر جازالانغان. ھېيت نامىزىدا جامائەت شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشى ۋە مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پات يېقىندا ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى. شەنتىلى رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بۇ ھېيت نامىزىدىن كېيىن، مەسچىت ئالدىدا يۈزلىگەن جامائەت بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى ۋە ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر بازىرىدىكى تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

بۇ خۇشاللىق 21- مارت ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتى بىلەن داۋاملاشتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان، جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرىسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات پروگراممىسى بىلەن ئاسىيا تەتقىقاتى سىگۇر مەركىزى ھەمكارلاشقان بۇ پائالىيەت نورۇز بايرىمى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئۆزگىچە بازار بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇرچە تائاملار ۋە مىللىيچە بۇيۇملار كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

«مۇھاجىرەتكە تۇتاشقان نورۇز: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، يېڭىلىنىش ۋە مەنسۇپلۇق» ماۋزۇسىدىكى مەخسۇس پائالىيەتتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىسران دولان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ۋە مۇشۇنداق ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. پائالىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن «ئۈمىدنى تەبرىكلەش» ناملىق ھۆجەتلىك فىلىم قويۇلدى. ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان ئۇسسۇللار پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دوكتۇر ئەلىس ئاندېرسون ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى ھەققىدە، تەتقىقاتچى مۇستافا ئاقسۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدە دوكلات بەردى. مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئامىر قىلىچ خىتاي لاگىرىدا ۋاپات بولغان مېھراي ئەركىنگە بېغىشلانغان «سەن كەلمىدىڭ» دېگەن ناخشا بىلەن ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئىجادىيىتى بولغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.

تۈركىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەر تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنگەن.