تۈركىيە ۋە قازاقىستان ئەلچىلىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدىھىيەلىدى

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا

شۇ يەر ۋاقتى 20-مارت جۈمە كۈنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر رەسمىي پائالىيەتتە، تۈركىيە ۋە قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى باھالىغان. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى (China Daily) ، خىتاي خەلقارا تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) قاتارالىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 دۆلەتتىن 72 ۋەكىل قاتناشقان بۇ يىغىندا رايوننىڭ «ئالاقە ۋە سودا دەرۋازىسى» بولۇشتەك رولى تەكىتلەنگەن.

قازاقىستان باش ئەلچىسى شاكرات نۇرىشېۋ ئىككى تەرەپلىك سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2025- يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جەمئىي سودا سوممىسى 48.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان سودىلا 23.5 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان. نۇرىشېۋ 1700 كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگرانىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە رايوننىڭ ياۋروپا- ئاسىيا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

تۈركىيە باش ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنال بولسا 2025- يىلى نويابىردا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا «پۇختا تەرەققىيات تەدبىرلىرى» گە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تۈركىيەنىڭ بىر قانچە مىنىستىرى، تاراتقۇلىرى ۋە ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ رايونغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ خىل ئالاقىلەرنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

بۇ باياناتلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى قايرىپ قويۇپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.