سابىق تۇتقۇن بەختىيار ئۆمەر لاگىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىدە جان ئۈزگەن
نۆۋەتتە ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئىليار ئۆمەرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ غۇلجا شەھەر دەريا بويى ئاھالىلەر رايونىدا ياشاۋاتقان ئاكىسى بەختىيار ئۆمەر لاگىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆيىدە ئۇشتۇمتۇت ۋە سىرلىق ھالدا جان ئۈزگەن.
ئىليار ئۆمەر ئاكىسى ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغىنى يەتتە يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇچۇرغا سابىق خولۇم-قوشنىلىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا ساقچىخانا خادىمى سابىق تۇتقۇن بەختىيار ئۆمەرنىڭ لاگىردىن چىقىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
ئىليار ئۆمەرنىڭ دېيىشىچە، ئۈچ پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان بەختىيار ئۆمەر بۇ يىل 53 ياش بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆيىدە ئۇشتۇمتۇت دېمى سىقىلغان ۋە بىرقانچە سائەت قىينالغاندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت جان ئۈزگەن.
مەزكۇر ساقچى خادىمى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغانلىقى ۋە بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇندىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىليار ئۆمەرنىڭ دېيىشىچە، ئاكسى بەختىيار ئۆمەر ئەسلىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىلى دەريا ياقىسىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ دىنىي ئېتىقادى سەۋەپلىك، يەنى ئىلگىرى ناماز ئوقۇغانلىقى پاش بولۇپ، 2018- يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
دەسلەپتە سۈكۈتتە تۇرغان ئىليار ئۆمەر ئاكىسىنىڭ تۇتۇلغىنىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشلارغا قېتىلغان ۋە خەلقارا ئاخباراتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. ئۇ ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يەتتە كۈندىن كېيىن، يەنى تۇتقۇن قىلىنىپ بەش يىلدىن كېيىن، ئاكىسىنىڭ ئاشۇ كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئىليار ئۆمەر ئاكىسىغا تەكرار بىر ئاۋارىچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، ئاكىسى ۋە ئائىلىسىگە قايتا تېلېفون قىلمىغان. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىلگىرى ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان بىر خىتاي ساۋاقدىشىدىن ئاكىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.
ئۇ ئاكىسىنىڭ سالامەتلىكىدە ئىلگىرى ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقى، پەقەت بەش يىللىق لاگىر ھاياتىنىڭ ئاكىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، لاگىردىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، لاگىر مەشغۇلاتلىرىغا ماسلىشالمايدىغان باسقۇچقا كەلگەندىلا قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بىرقانچە كۈن ياكى بىرقانچە ئاي ئىچىدە جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئىليار ئۆمەر ئاكىسىنىڭ لاگىردىن قويۇپ بېرىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ، ئەمما مەزكۇر ئاھالىلەر رايوندىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن بەختىيار ئۆمەرنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تەكرار تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە لاگىردىن ئىككىنجى قېتىم ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ساقچى خادىملىرى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق تۇتۇلۇشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۇنى كانادا پارلامېنتىدا ئۆزبەكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان كانادا ۋەتەندىشى ھۈسەيىن جېلىن ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەير ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختىلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ كانادا ۋەتەندىشى ئىكەنلىكى، كانادادىكى ئايالى ۋە پەرەزەنتلىرى بىلەن 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈشەلمىگەنلىكى، ھەتتا 19 ياشلىق پەرزەنتىنىڭ تېخىچە دادىسىنى كۆرۈپ باقملىغانلىقى تەكىتلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈلىشى ۋە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىندا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سوتلىنىش جەريانى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلەپ سوئاللار سورالغان ۋە جاۋابلار بېرىلگەن.
تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى لىكسىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا
ئەنگىليەدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۈن ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم پارچىسى بولغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىزچىل ئىزدەنگەن ۋە ”ئىككى مىڭ يىللىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئانتولوگىيەسى“ ۋە ”قاماقتىكى روھلار“ ناملىق كىتاپلارنى نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئىلغارلىقىنىلا ئەمەس، يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىقى، باش ئەگمەسلىكىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ كىتاپلار خەلقارا ئاكادىمىيە ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ يېقىندا ئامېرىكىدىكى پرىنسىتون ئۇنىۋېرىسىتېتى تەرىپىدىن مەزكۇر ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ 23 - مارت كۈنى بۇ ئۇنىۋېرىسىتېتتىكى لىكسىيەسىدە يۇقۇرىقى كىتاپلىرى ۋە ”جاۋاپسىز قالغان تېلېفون“ ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ لىكسىيەدىن كېيىن، ئۇنىۋېرىسىتېتنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى ۋە نىۋيورك تەۋەسىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان. ئەزىز ئىسا 27 - مارتقا قەدەر يېيل ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىمۇ ئوخشاش تېمىدا لىكسىيە سۆزلىگەن. ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرىسىتېتىدىكى لىكسىيەسىدە داڭلىق تەتقىقاتچى،پروفېسسور مارك ئېللىيوت رىياسەتچىلىك قىلغان. ئەزىز ئىسانىڭ بۇ قېتىم لېكسىيە زىيارەتلىرى پىلانىدا، ئىندىيانا ئۇنىۋېرىسىتېتى ۋە ۋاشىنگىتوندىكى بىر تەتقىقات ئورنىمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىكى بۇ پائالىيەتلىرى داۋامىدا، ۋاشىنگىتوندىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەنمۇ ئۇچراشماقچى.
ئۇيغۇر پوچتىسى خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتىگە چېتىشلىق بىر مەنبەدىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان
ئۇيغۇر پوچتىسى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى غايەت زور كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر پوچتىسى ھەمكارلىشىۋاتقان تور تېخنىكا شىركىتى بۇ ھۇجۇمنىڭ 154 دېگەن نومۇردىن باشلانغان سىنگاپوردىكى بىر ئايپى ئادرېسىدىن كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاكتىپ پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ خەۋەرلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى بىر مۇستەقىل ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تاھىر ئىمننىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر پوچتىسىنىڭ تېخنىك خادىملىرى، تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ، تور بەت مۇلازىمىتىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
ئۇيغۇر پوچتىسى بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا دوكىلات قىلغان، مەزكۇر ئورگانلار بۇ دوكىلات ھەققىدە مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزغان.
ئۇيغۇر پوچتىسى ئۇچرىغان بۇ ھۇجۇم بۇ ھەپتە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا خەلقارا خەۋەرلىرى، ھىندىستاننىڭ لوكمات خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئىراقنىڭ شىئە خەلقارا خەۋەرلىرى قاتارلىق خەلقارا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن كەڭ خەۋەر قىلىندى.
خىتاي تەتقىقاتچى ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۇنى خىتاينىڭ ”كۆزەتكۈچى“ تورى شاڭخەي خەلقارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى جەنۇبى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى ليۇ زوڭيى بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.
ليۇ زوڭيى سۆھبەت داۋامىدا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت تۈرلىك سەۋەبنى كۆرسىتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تالىبان ھلۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن ئەينى چاغدا سوۋېت ئىشغالىغا قارشى جەڭ قىلغانلىقى، شۇڭا ئارىلىرىدا سەبداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى؛ئىككىنجىدىن، دىنىي قېرىنداش ئىكەنلىكى، پەشتۇن ئادەتلىرى بويىچە پاناھلانغۇچىلارنى قوغدايدىغانلىقى، ھەرگىز قايتۇرىۋەتمەيدىغانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ ئافغانىستاننىڭ بىختەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن توي قىلىپ، ئىجتىمائىي جەھەتتىن يەرلىكلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇققانغا ئايلانغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشتا كەينىگە چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، لى زوڭيى ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئۆتكەن ئايلاردا كابۇلدا بىر مەزگىل زىيارەت ۋە سۆھبەتلەردە بولغان .
لى زوڭيىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن تالىبان ھۆكۇمىتى ۋە خىتاي ئارىسىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق جىددىي بىر تالاش-تارتىش بولغانلىقى، بۇنىڭ تا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ئۇچۇرلار ھازىرغا قەدەر ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى، لېكىن لى زوڭيى مەنسۇپ بولغان تەتقىقات ئورنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن باغلىنىشلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بەزى خەلقارا ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىشەنچلىك دەپ قارالماقتا .
يېقىنقى يىللاردا تايلاند، مىسىر، قازاقىستان قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش پاجىئەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ كەلگەن. ئەگەر لى زوڭيى ئاشكارىلغان ئۇچۇرلار راست بولسا، ئافغانىستان شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا ئەللەر ئىچىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى قوغداشتا مەيدانى ئەڭ مۇستەھكەم دۆلەت بولغان بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمىنى قوش خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلىدى
20- مارت سەھەردە، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرى، ۋېرجىنىيە ۋە مەرىلەن ئىشتاتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ، روزا ھېيت نامىزى ئوقىدى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن، ھەتتا روزا تۇتقان كىشىلەر جازالانغان. ھېيت نامىزىدا جامائەت شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشى ۋە مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پات يېقىندا ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى. شەنتىلى رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بۇ ھېيت نامىزىدىن كېيىن، مەسچىت ئالدىدا يۈزلىگەن جامائەت بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشتى ۋە ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر بازىرىدىكى تائاملارغا ئېغىز تەگدى.
بۇ خۇشاللىق 21- مارت ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتى بىلەن داۋاملاشتى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرغان، جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرىسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات پروگراممىسى بىلەن ئاسىيا تەتقىقاتى سىگۇر مەركىزى ھەمكارلاشقان بۇ پائالىيەت نورۇز بايرىمى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئۆزگىچە بازار بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇرچە تائاملار ۋە مىللىيچە بۇيۇملار كىشىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
«مۇھاجىرەتكە تۇتاشقان نورۇز: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، يېڭىلىنىش ۋە مەنسۇپلۇق» ماۋزۇسىدىكى مەخسۇس پائالىيەتتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىسران دولان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ ۋە مۇشۇنداق ئەنئەنىلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. پائالىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە ئىشلەنگەن «ئۈمىدنى تەبرىكلەش» ناملىق ھۆجەتلىك فىلىم قويۇلدى. ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەييارلىغان ئۇسسۇللار پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. دوكتۇر ئەلىس ئاندېرسون ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىلىرى ھەققىدە، تەتقىقاتچى مۇستافا ئاقسۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدە دوكلات بەردى. مۇزىكانت ۋە ناخشىچى ئامىر قىلىچ خىتاي لاگىرىدا ۋاپات بولغان مېھراي ئەركىنگە بېغىشلانغان «سەن كەلمىدىڭ» دېگەن ناخشا بىلەن ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئىجادىيىتى بولغان «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى.
تۈركىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ھەر تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنگەن.
تۈركىيە ۋە قازاقىستان باش ئەلچىلىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدىھىيەلىدى
شۇ يەر ۋاقتى 20- مارت جۈمە كۈنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر رەسمىي پائالىيەتتە، تۈركىيە ۋە قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى باھالىغان. خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىدىن خىتاي كۈندىلىك گېزىتى (China Daily) ، خىتاي خەلقارا تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) قاتارالىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 40 دۆلەتتىن 72 ۋەكىل قاتناشقان بۇ يىغىندا رايوننىڭ «ئالاقە ۋە سودا دەرۋازىسى» بولۇشتەك رولى تەكىتلەنگەن.
قازاقىستان باش ئەلچىسى شاكرات نۇرىشېۋ ئىككى تەرەپلىك سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2025- يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جەمئىي سودا سوممىسى 48.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان سودىلا 23.5 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلغان. نۇرىشېۋ 1700 كىلومېتىرلىق ئورتاق چېگرانىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە رايوننىڭ ياۋروپا- ئاسىيا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
تۈركىيە باش ئەلچىسى سەلچۇق ئۈنال بولسا 2025- يىلى نويابىردا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا «پۇختا تەرەققىيات تەدبىرلىرى» گە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە يېقىنقى بىر قانچە يىلدا تۈركىيەنىڭ بىر قانچە مىنىستىرى، تاراتقۇلىرى ۋە ئەقىل ئامبارلىرىنىڭ رايونغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، بۇ خىل ئالاقىلەرنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
بۇ باياناتلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشلارنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى قايرىپ قويۇپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇپ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلماقتا.
