كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاي نەسلىدىن بولغان ئەزاسى مايكول ما (Michael Ma) 26-مارت پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە مەنتىقىسىز سوئال سوراپ قاتتىق غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. بېسىم ئاستىدا قالغان بۇ پارلامېنت ئەزاسى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى جەريانىدا، مايكول ما تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچى، مۇتەخەسسىس مارگرېت خانىمغا: «مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۆزىڭىز شاھىت بولدىڭىزمۇ؟ يەنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سوئال قويغان. بۇ سوئال يىغىن ئەھلى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك رېئاللىقىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرۈش دەپ قارالدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مايكول مانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە دەرھال رەددىيە بېرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس دوكلاتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خەۋەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات پاكىتلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
مايكول ما دەسلەپتە «مەن ئىنكار قىلمىدىم، پەقەت سوئال سورىدىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل سوئال سوراش ئۇسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىق دەپ ئەيىبلەندى. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، مايكول مانىڭ سۆزلىرىنى «رېئاللىقنى بۇرمىلاش ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىش» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بايانات بېرىپ، مايكول مانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى ”خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك“ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن پاكىتلارغا شەك كەلتۈرۈشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مايكول ما خوڭكوڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 12 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ 2025-يىلى كانادا پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ سايلانغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تالاش- تارتىشلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
جەمئىيەتتىكى ۋە پارلامېنت ئىچىدىكى كۈچلۈك سىياسىي بېسىمدىن كېيىن، مايكول ما ئاممىۋى بايانات ئېلان قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس مارگرېت خانىمدىن ئەپۇ سورىدى. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
