26-مارت شەنبە كۈنى، ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ”خىتاينىڭ 15- بەش يىللىق پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەمدە يەرشارى تەمىنلەش زەنجرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى“ دېگەن ماۋزۇدا دوكلات بەردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ دوكلات بېرىش پائاليىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مەركەزلەشتى.
نۆۋەتتە «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» (Global Rights Compliance) تەشكىلاتىدا سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىرولا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلار بويىچە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق دىققىتى خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن.
ئۇ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى، شەكلى ۋە جەريانى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى كۈچلۈك بولغان زاۋۇت-كارخانلارھەمدە دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋىي دائىرىدىن ھالقىپ، يەر ئاستى كان بايلىقلىرى ۋە ئېلېكتېر ئېنىرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ، تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە خەتەرلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكلات بېرىش جەريانىدا، «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى، نىرولانىڭ خىزمەتدىشى سەمىر گوسۋامى(Samir Goswami)مۇ دوكلات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
30-مارت، «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» تەشكىلاتى ”تەمىنلەشنى بوغۇش، ئەمگەك كۈچىنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئىچكى يۈزى“ ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. نىرولا يازغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىغا بولغان تايىنىشچانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپلىرى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغان: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى 15-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان قۇرۇلما ئاساسلىرى ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ تېخنىكىلىق نازارەت ئاستىدا داۋاملىشىدۇ. بۇ مېخانىزم ناھايىتى ئېنىق ھالدا «مۇقىم ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان» قىلىپ لايىھەلەنگەن.
