بىز ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، «شىنجاڭ» نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ پېنسىيۇنېر ئوقۇتقۇچىسى، 86 ياشلىق رەيھان قاسىم خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى نەۋرىسى — ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېرى سەۋەبلىك خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى رەيھان قاسىم خانىمنى ئارقىمۇئارقا ئىزدەپ كەلگەن ۋە ھەر قېتىمدا بىر قانچە سائەتلەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خەۋەردار كىشى يەنە رەيھان قاسىم خانىمنىڭ مەيلى خۇلۇم-قوشنا، مەيلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسۇن، يوقلاپ كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر ساقچى خادىمى رەيھان قاسىم خانىمنى دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
بىز بۈگۈن رەيھان قاسىم خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى، ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىدىن قېينانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ھاجى قۇتلۇق ئەپەندى قېينانىسى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تونۇش-بىلىشلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئارفىيە ئېرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن باشلاپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى رەيھان قاسىم خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى دەسلەپتە نەۋرىسى ئارفىيە ئېرىنى سىياسىي ساھەدە پائالىيەت قىلىشتىن توسۇشقا ئۈندىگەن، كېيىنچە خىتايغا قارشى گەپ قىلماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان؛ يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ ئارفىيە ئېرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن كۈنلەردە، ئەگەر ئارفىيە ئېرى خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.
ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللار ئارقىلىق ئۇقۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن سۆزلەشكەندە، ئارفىيە ئېرىنىڭ چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە ياپونىيەدىكى خىتايغا قارشى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان ۋە بۇنى ئارفىيە ئېرىنىڭ «جىنايەتلىرى» سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 1940-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلغان رەيھان قاسىم خانىم ئۇزۇن مەزگىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن «مېھرىبان ئانىلار فوندى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن.
