خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2000-يىللارنىڭ بېشىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قەدىمىنى باسقان ئىدى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان ناملار ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت، بۇ يىلغا كەلگەندە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نامى ئاستىدا ئىجرا قىلىنماقتا. مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خوتەن ۋە تۇمشۇق قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودروملاردىن ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۆچۈرۈلگەنىدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە شەھەر ۋە يېزا-بازارلاردىكى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ھەجىمىنى كىچىكلىتىش ئىجرائاتىنى يولغا قويماقتا. تاراتقۇلاردىكى بىر ئۇچۇردا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ۋىۋىسكىلاردىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ؛ يەنە بىر ئۇچۇردا بۇ ھەقتە مەخسۇس سىياسىي بۇيرۇق ۋە ئۇقتۇرۇش بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما خىتاينىڭ يەنە بىر رەسمىي ئاخبارات خەۋىرىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەردىن دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئىجرائاتلىرىنى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەرلىك ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
