ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرىنىڭ مومىسى خىتاي ساقچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان
بىز ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، «شىنجاڭ» نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ پېنسىيۇنېر ئوقۇتقۇچىسى، 86 ياشلىق رەيھان قاسىم خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى نەۋرىسى - ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېرىنىڭ سەۋەبلىك خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى رەيھان قاسىم خانىمنى ئارقىمۇئارقا ئىزدەپ كەلگەن ۋە ھەر قېتىمدا بىر قانچە سائەتلەپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خەۋەردار كىشى يەنە رەيھان قاسىم خانىمنىڭ مەيلى خۇلۇم-قوشنا، مەيلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسۇن، يوقلاپ كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىر ساقچى خادىمى رەيھان قاسىم خانىمنى دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
بىز بۈگۈن رەيھان قاسىم خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى كۈيئوغلى، ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياپونىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىدىن قېينانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ھاجى قۇتلۇق ئەپەندى قېينانىسى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تونۇش-بىلىشلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئارفىيە ئېرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى بولغاندىن باشلاپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى رەيھان قاسىم خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنى دەسلەپتە نەۋرىسى ئارفىيەنى سىياسىي ساھەدە پائالىيەت قىلىشتىن توسۇشقا ئۈندىگەن، كېيىنچە خىتايغا قارشى گەپ قىلماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان؛ يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ ئارفىيە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن كۈنلەردە، ئەگەر ئارفىيە خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغان.
ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يوللار ئارقىلىق ئۇقۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رەيھان قاسىم خانىم بىلەن سۆزلەشكەندە، ئارفىيە ئېرىنىڭ چەت ئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە ياپونىيەدىكى خىتايغا قارشى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان ۋە بۇنى ئارفىيەنىڭ «جىنايەتلىرى» سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 1940-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلغان رەيھان قاسىم خانىم ئۇزۇن مەزگىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن «مېھرىبان ئانىلار فوندى»نىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يوقىتىش قەدىمىنى يەنە بىر باسقۇچ ئىلگىرىلەتتى
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2000-يىللارنىڭ بېشىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قەدىمىنى باسقان ئىدى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان نام ئاستىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت، بۇ يىلغا كەلگەندە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نامى ئاستىدا ئىجرا قىلىنماقتا. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە شەھەر ۋە يېزا-بازارلاردىكى سودا-تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ھەجىمىنى كىچىكلىتىش ئىجرائاتىنى يولغا قويماقتا.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار بۇ ئىجرائاتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما خىتاينىڭ يەنە بىر رەسمىي ئاخبارات خەۋىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ خەۋەردىن دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئىجرائاتلىرىنى توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يەرلىك ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستاندا 10 يىلدىن بېرى جازا ئۆتەۋاتقان كارخانىچى، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەر ئەسەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۈرمىدىكى شارائىتلىرىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. باياناتتا يەنە ئەكبەر ئەسەت بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ تا ھازىرغىچە كۆرۈشەلمەيۋاتقانلىقى، سوتلانغاندا ئادۋوكات تۇتۇلغان-تۇتۇلمىغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ سېكرېتارى چېن شياۋجياڭغا قارىتىپ خىتاب قىلىنغان بولۇپ، ئەكبەر ئەسەتنىڭ شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى. ئەكبەر ئەسەت شەرقىي تۈركىستاندىكى غوللۇق تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئىدى ۋە خىتاي تەشكىللىگەن «ئىستىقباللىق ياش كارخانىچىلار» قاتارىدا 2015-يىلى ئامېرىكىغا زىيارەتكە كەلگەن. ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنىپ 15 يىللىق كېسىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەدىسى، ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل خەلقئارا سەھنىلەردە ھەرىكەت قىلماقتا.
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ئىتالىيەدە «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «پوردېنون ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى»دا (Pordenone Docs Fest) «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا (Image of Courage Award) لايىق كۆرۈلدى.
مەزكۇر فىلىم فېستىۋالىدا رېژىسسور دايا كاھان (Daya Cahen) تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان ”ماشىنىنىڭ كۆزى“ (The Eye of the Machine) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ فىلىم قەلبىنۇر سىدىقنىڭ لاگېردىكى ئاچچىق كەچمىشلىرى ۋە گۇۋاھلىق بايانلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قانداق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى چوڭقۇر پاش قىلىنغان.
فېستىۋال ھەيئىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، لاگېردىكى زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىغان جاسارىتىنى يۇقىرى باھالىدى. قەلبىنۇر سىدىق مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىپ قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
”بۇ مۇكاپات پەقەت ماڭىلا ئەمەس، بەلكى لاگېر ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھاياتىنى تەۋەككۈلگە قويۇپ كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق پائالىيەتچىلەرگە ۋە مېنى قوللاپ كەلگەن خەلقىمگە مەنسۇپ. بىز تاكى شەرقىي تۈركىستان ئازات بولغىچە، زۇلۇمنى پاش قىلىشتىن ئەسلا توختىمايمىز."
مەزكۇر فىلىم ئۆتكەن يىلى گوللاندىيەدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ زامانىۋى تېخنىكىلارنى قانداق قىلىپ بىر مىللەتنى كونترول قىلىش ۋە يوقىتىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆز بويامچىلىق بىلەن قانداق ئالداۋاتقانلىقى پاكىتلىق بايان قىلىنغان.
بۇ مۇكاپات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە قايتىدىن دىققەت قوزغىشىغا تۈرتكە بولدى.
كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول ما ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاي نەسلىدىن بولغان ئەزاسى مايكول ما (Michael Ma) 26-مات پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە مەنتىقىسىز سوئال سوراپ قاتتىق غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. بېسىم ئاستىدا قالغان بۇ پارلامېنت ئەزاسى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولدى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى جەريانىدا، مايكول ما تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچى، مۇتەخەسسىس مارگرېت خانىمغا: «مەجبۇرىي ئەمگەككە ئۆزىڭىز شاھىت بولدىڭىزمۇ؟ يەنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سوئال قويغان. بۇ سوئال يىغىن ئەھلى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك رېئاللىقىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرۈش دەپ قارالدى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مايكول مانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە دەرھال رەددىيە بېرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس دوكلاتلىرى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خەۋەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات پاكىتلىرىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
مايكول ما دەسلەپتە «مەن ئىنكار قىلمىدىم، پەقەت سوئال سورىدىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل سوئال سوراش ئۇسۇلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىق دەپ ئەيىبلەندى. ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، مايكول مانىڭ سۆزلىرىنى «رېئاللىقنى بۇرمىلاش ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىش» دەپ قاتتىق تەنقىد قىلدى. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بايانات بېرىپ، مايكول مانىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى ”خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك“ دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن پاكىتلارغا شەك كەلتۈرۈشىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مايكول ما خوڭكوڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 12 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ 2025- يىلى كانادا پارلامېنتىغا ئەزا بولۇپ سايلانغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تالاش- تارتىشلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
جەمئىيەتتىكى ۋە پارلامېنت ئىچىدىكى كۈچلۈك سىياسىي بېسىمدىن كېيىن، مايكول ما ئاممىۋى بايانات ئېلان قىلىپ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىس مارگرېت خانىمدىن ئەپۇ سورىدى. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا دوكلات بەردى
26-مارت شەنبە كۈنى، ئامېرىكا مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ”خىتاينىڭ 15- بەش يىللىق پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەمدە يەرشارى تەمىنلەش زەنجرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى“ دېگەن ماۋزۇدا دوكلات بەردى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ دوكلات بېرىش پائاليىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مەركەزلەشتى.
نۆۋەتتە «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» (Global Rights Compliance) تەشكىلاتىدا سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرى بويىچە تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان نىرولا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلار بويىچە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق دىققىتى خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن.
ئۇ بۇ قېتىمقى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى، شەكلى ۋە جەريانى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى كۈچلۈك بولغان زاۋۇت-كارخانلارھەمدە دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋىي دائىرىدىن ھالقىپ، يەر ئاستى كان بايلىقلىرى ۋە ئېلېكتېر ئېنىرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىپ، تېخىمۇ يوشۇرۇن ۋە خەتەرلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكلات بېرىش جەريانىدا، «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش پىروگراممىلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى، نىيرولانىڭ خىزمەتدىشى سەمىر گوسۋامى (Samir Goswami)مۇ دوكلات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بۈگۈن 30-مارت ، «يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى» تەشكىلاتى ”تەمىنلەشنى بوغۇش، ئەمگەك كۈچىنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىش: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئىچكى يۈزى“ ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. نىيرولا يازغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىغا بولغان تايىنىشچانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپلىرى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنداق خۇلاسە چىقىرىلغان: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى 15-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان قۇرۇلما ئاساسلىرى ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ تېخنىكىلىق نازارەت ئاستىدا داۋاملىشىدۇ. بۇ مېخانىزم ناھايىتى ئېنىق ھالدا «مۇقىم ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان» قىلىپ لايىھەلەنگەن.
