رەيھان قاسىمنىڭ ياپونىيەگە بېرىپ داۋالىنىش تەلىپى ئۈچىنچى قېتىم رەت قىلىنغان

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار ساقچى خادىمى رەيھان قاسىمنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا «مەلۇم سەۋەبلەر» بىلەن رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما سەۋەبىنى ئېنىق بايان قىلمىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مومىسى رەيھان قاسىم خانىم 2013-يىلى ياپونىيەگە كېلىپ داۋالانغان ئىدى. سەككىز سائەتلىك ئوپېراتسىيەنى باشتىن كەچۈرگەن رەيھان خانىمغا دوختۇرلار ئون يىل ئىچىدە بىر قېتىم كېلىپ قايتا تەكشۈرتۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

رەيھان خانىمنىڭ سابىق خىزمەت ئورنى بولغان شىنجاڭ نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىرەيلەننىڭ بۇ ھەقتە ئاشكارىلىشىچە، رەيھان خانىم 2023-يىلى ۋە 2024-يىللىرى داۋالىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قېتىم جابدۇنغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنى سەپەردىن توسۇپ قويغان. رەيھان خانىم يېقىندا ياپونىيەنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ، ئۈچىنچى قېتىم سەپەرگە تەييارلانغان. بىراق دائىرىلەر بۇ قېتىم «ھازىر ۋاقتى ئەمەس» دەپ يەنىلا رەت قىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار ساقچى خادىمى رەيھان قاسىمنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا «مەلۇم سەۋەبلەر» بىلەن رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما سەۋەبىنى ئېنىق بايان قىلمىدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، رەيھان خانىمنىڭ ئۈچ ئايدىن بېرى ئىزچىل ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدە «زىيارەت» قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ زىيارەتتە سائەتلەپ ئۇنىڭ بىلەن «سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. «سۆھبەت» داۋامىدا ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى، ياپونىيەدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى» تىلغا ئېلىنىپ، ئەگەر ئارفىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى داۋاملاشسا، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. رەيھان خانىمنىڭ يەنە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، مەيلى قوشنىلىرى، مەيلى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسۇن، يوقلاپ كەلسە قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن رەيھان قاسىم خانىم 1940-يىلى چۆچەكتە تۇغۇلغان. ھاياتى بويى ئۇيغۇر ئالىي مائارىپى ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن «مېھرىبان ئانىلار فوندى»نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان.