2-ئاپرىل، ياپونىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېرى (Arfiya Eri) خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغانلىقى ھەمدە ئارفىيەنىڭ خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بېسىملارغا ئۇچرىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغالغان ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى تورداشلار ياپونىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىر كىشىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ خىتايدا بولۇشى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى سىياسىي بېسىم قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسا، يەنە بىر قىسىم تورداشلار ئارفىيە ئېرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، مومىسىنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى تىلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.
5-ئاپرىل، ئارفىيە خانىم X سۇپىسىدا بايانات بېرىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ مومىسى ھەققىدىكى خەۋىرىگە دىققەت قىلىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن كىشىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقالغان رەيھان قاسىم خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا: ”بىز نۆۋەتتە پاكىتلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەلىللەۋاتىمىز، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بىز ئۇنىڭ قامالمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز ۋەزىيەتنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىمىز ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرىمىز“ دېگەن.
ئارفىيە خانىم بۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: ”بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ مىنۇتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى سېغىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى جاسارەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا، دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە ھېچقانداق يەردە سۈكۈت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، دۇنياۋى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قەدىردان كىشىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ تېزدىن يىتىپ كېلىشىنى تىلەيمەن.»
ئارفىيە ئېرى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە ياكى ئەمەلدارلارغا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.
