خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە يېڭىدىن سېنلىڭ (岑岭) ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. بۇ يېڭى مەمۇرىي بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى رايوننىڭ مەمۇرىي خەرىتىسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى رەسمىي ئىش باشلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېنلىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنخۇا بازىرىغا جايلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ ئەسلى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۇدى يېزىسى بولۇپ، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى كەڭ-كۆلەمدە خىتايچىغا ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن، 2025-يىلى خىتايچە «شىنخۇا بازىرى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
2025-يىلى دېكابىردا، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە خېئەن ناھىيەسى (和安县) ۋە خېكاڭ ناھىيەسى (和康县) دېگەن ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. بۇ يېڭى ناھىيەلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداخ تەۋەلىكىگە، بولۇپمۇ تالاش-تارتىشتىكى ئاقسايچىن رايونىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ چاغدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
يېڭى تەسىس قىلىنغان سېنلىڭ ناھىيەسى جەبۇب تەرەپتىن پاكىستانغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاشكارا چېگرا ماجراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستان تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە بىرەر ئىنكاس قايتۇرۇشى ناياتىن كۆرۈنمەكتە.
سېنلىڭ ناھىيەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى خېئەن ۋە خېكاڭدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە بىلەن بىر گەۋدىلىككە ئىگە دەپ قارالماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ ناھىيەلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى چېگرا رايونلارغا قارىتا مەمۇرىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇددىئالار ئاساس قىلىنغان دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. بولۇپمۇ، سىېنلىڭ ناھىيەسى ”شىنجاڭ بىلەن شىزاڭ“نى تۇتاشتۇرىدىغان 219-دۆلەت يولىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان قاتناشنىڭ تۈگۈنىگە توغرا كېلىدىكەن؛ ناھىيە تەسىس قىلىش ئارقىلىق چېگرا بويىدىكى يېزا-بازار سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەپ، زور ھەربىي ئىستىراتېگىيىلىك قاتناش لېنىيەسىنى تىرەپ تۇرغىلى ۋە كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خېئەن، خېكاڭ ۋە سېنلىڭ قاتارلىق بۇ ئۈچ ناھىيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىنىشى يالغۇز چېگرا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە، ئۇيغۇرچە تارىخي يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئورنىغا خىتايچە ناملارنى بېرىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.
