سۇلايمان ئەزىز ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كەچۈرمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدى

يېقىندا كانادادا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر ياش سۇلايمان ئەزىز (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى) كانادادىكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى تاراتقۇ ئورگىنى ”بيۇرو“ The Bureau نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدىن كامبودژادىكى خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ قۇللۇقىغىچە بولغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى.

يېقىندا كانادادا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر ياش سۇلايمان ئەزىز (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى) كانادادىكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى تاراتقۇ ئورگىنى ”بيۇرو“The Bureau نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدىن كامبودژادىكى خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ قۇللۇقىغىچە بولغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىر سام كوپېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا سۇلايماننىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، ئۇ 1996-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ ئۆز يۇرتىدا كىچىكىدىنلا «ھاشار» دەپ ئاتىلىدىغان ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ ياشانغان ئاياللارنىڭ چۆل-باياۋانلاردا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا شاھىد بولغان. 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدىكى پىلانى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەقىپ ئاستىدا قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن.

2024-يىلى، سۇلايمان خىتاي جىنايەت گۇرۇھى تەرىپىدىن كامبودژادىكى تېلېگراف ئالدامچىلىق مەركىزىگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە 17 مىڭ دوللارغا سېتىۋېتىلگەن. شۇ يەردە ئۇ ئالدامچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغان ۋە ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن توك كالتەك بىلەن قىيناشقا دۇچار بولغان. ئۇ كانادالىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆلىگەن تۆلىمى ئارقىلىق مۆجىزە كەبى قۇتۇلۇپ قالغان.

مۇخبىر سام كوپېر بۇ دوكلاتىدا، باش مىنىستىر مارك كارنىي (Mark Carney) خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىللىرىنى كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مايكول مانىڭ بولسا پارلامېنتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان ھەمدە سۇلايماننىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ بۇ مەۋقەلەرنى رەت قىلىدىغان پاكىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سۇلايماننىڭ بۇ گۇۋاھلىقى دەل ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ”كانادا خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك“ دېگەن دوكلاتنى ئېلان قىلغان كۈنگە توغرا كەلگەن. 1-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېينىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پاختا، ئاپتوموبىل، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە مۇھىم قېزىلما بايلىقلار ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، كانادانىڭ بۇ جەھەتتە يېتەرلىك قانۇنىي تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى كۆرسىتىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارغا جىددىي چەكلىمە قويۇشقا چاقىرىلغان.

2-ئاپرىل، سۇلايمان ئېزىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدا، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت كەچۈرمىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي بايان قىلغان.

سۇلايمان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يالغان ئىسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، ئىسپات سۈپىتىدە ئۆز تېنىدىكى تاياق زەخمىلىرىنى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىغان.