ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئاپرىل)

بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقى خاتىرىلەندى. دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئەخمەت مەمەت ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. گىۋاتېمالادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن سابىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارمىيە بايرىمىنى خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى. ئارفىيە ئېلى مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايانات بەردى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي تەكشۈرۈلگەن. سۇلايمان ئەزىز ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كەچۈرمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقى خاتىرىلەندى

مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىش ۋە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئاپرىل) (RFA Video)

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە زەينىدىن يۈسۈپنىڭ ئەينى چاغدىكى دوست ۋە سەپداشلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىمجان بۇغدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بۇ قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە، سانى 200 ئەتراپىدا بولغان زەينىدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى خىتاينىڭ ۋەزىپىدىكى 500 گە يېقىن قوراللىق كۈچى بىلەن ئېلىشىپ، بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قولىغا چۈشۈرگەن. ئەتىسى خىتاينىڭ 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، ئۇرۇش يەتتە كۈن داۋاملاشقان. بۇ جەرياندا زەينىدىن ۋە سەپداشلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ئىككى كۈن كونترول قىلىپ تۇرالىغان ئىدى. بارىن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بۇ جاسارىتى ۋە ماھارىتى ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالغان ۋە ئۈمىد بېغىشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تونۇلۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى بېسىلغان ئىدى.

دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئەخمەت مەمەت ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان

ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى «دەريا تاللا بازىرى»نىڭ ساھىبى ئەخمەت مەمەت، دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن 2023-يىلىنىڭ بېشىدا بازار باشقۇرۇش ۋە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2023-يىلى ئىيۇل ئېيىدا دۇكىنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن پېتى ئىز-دېرىكى بولمىغان.

بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئەخمەت مەمەت ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولۇپ، 2002-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، بىر مەزگىل تاشيول ئىدارىسىنىڭ شوپۇرلۇق خىزمىتىنى قىلغان، 2014-يىلىدىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.

ئەخمەت مەمەتنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 2019-يىلى ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا بىر يىل يېتىپ چىققان. 2023-يىلدىكىسى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلۇشى بولۇپ، ئائىلىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

بىز ئەخمەت مەمەتنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلار ئەخمەت مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئەخمەت مەمەتنىڭ مەزكۇر تۇغقىنىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ دۇكىنىغا ھاراق سالماسلىقىنى ئىلگىرىكى بىر يىللىق «تەربىيەلەش»تە ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ، يەنى «دىنىي رادىكاللىق»تىن قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، قايتا تۇتقۇن قىلغان.

خوتەن يولى ساقچى خادىمىمۇ ئەخمەت مەمەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

گىۋاتېمالادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى گىۋاتېمالادا ئېچىلغان «خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە مەشىق» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئائىلە پارچىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات بەردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بىرلىكتە قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بۇ يىغىندا تور بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئىنسان ھەقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىنغا دۆلەت ئەربابلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلىدۇ.

پائالىيەتچى روشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ يىغىندا گىۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ گىۋاتېمالادىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيە بايرىمىنى خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى

8-ئاپرېل — شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن بۇ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى «ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى»دە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋە ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر پوچتىسى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر بايرام ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

نەبىجان تۇرسۇن ماقالە ۋە سۆھبىتىدە، 1945-يىلى قۇرۇلۇشى ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا سانى كۆپىيىپ 60 مىڭغا بارغانلىقىنى، ئۇرۇشسىز يىللاردا بولسا 15-20 مىڭ ئەتراپىدا بولغانلىقىنى قەيت قىلدى. شۇنداقلا، بۇ ئارمىيەنىڭ ئەينى چاغدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا تاقابىل تۇرغانلىقى ۋە زور بىر قىسىم كۈچىنى تارمار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نەبىجان ماقالىسىدە، زامانىۋى ۋە مۇنتىزىم بىر ئارمىيەنى بۇنىڭدىن 81 يىل ئاۋۋال بەرپا قىلالىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پۇرسەت كەلگەندە ئۆز تۇپرىقىدا مىللىي ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش ۋە يىقىلغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساپاسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغۇچىلىرىغا خاتىرىلەتتى.

ئارفىيە ئېلى مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايانات بەردى

2-ئاپرىل، ياپونىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئېلى خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدە ياشايدىغان مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغانلىقى ھەمدە ئارفىيەنىڭ خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بېسىملارغا ئۇچرىغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغالغان ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى تورداشلار ياپونىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىر كىشىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ خىتايدا بولۇشى، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى سىياسىي بېسىم قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسا، يەنە بىر قىسىم تورداشلار ئارفىيە ئېرىگە ھېسداشلىق قىلىپ، مومىسىنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى تىلىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

5-ئاپرىل، ئارفىيە خانىم X سۇپىسىدا بايانات بېرىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ مومىسى ھەققىدىكى خەۋىرىگە دىققەت قىلىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن كىشىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقالغان رەيھان قاسىم خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىتا: ”بىز نۆۋەتتە پاكىتلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن دەلىللەۋاتىمىز، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بىز ئۇنىڭ قامالمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز ۋەزىيەتنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىمىز ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا يېڭى ئۇچۇرلارنى بېرىمىز“ دېگەن.

ئارفىيە خانىم بۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: ”بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ مىنۇتلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى سېغىنىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى جاسارەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا، دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە ھېچقانداق يەردە سۈكۈت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، دۇنياۋى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قەدىردان كىشىلىرى بىلەن بىللە ياشايدىغان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ تېزدىن يىتىپ كېلىشىنى تىلەيمەن.»

ئارفىيە ئېلى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئىزچىل تۈردە ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ قېتىمقى ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە ياكى ئەمەلدارلارغا ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش تاكتىكىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي تەكشۈرۈلگەن

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ « ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ما شىڭرۈي 2021-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى، شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋە دۆلەت ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، 2022-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

ما شىڭرۈي خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا لاگىرلارنى ئاللىقاچان تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئۇ ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن، بۇ لاگىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۈرمە شەكلىدىكى قاماق مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان جىنايەتلەر بىلەن ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ما شىڭرۇي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى كوۋىد يۇقۇمى سەۋەبىدىن 2022-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ 100 كۈندىن ئارتۇق قامال قىلىنغان. 24-نويابىر، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالە قازا قىلغان.

ما شىڭرۈي 2025-يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىپىسىدىن يۆتكىلىپ، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئەمما ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن قاتنىشىشقا تېگىشلىك چوڭ يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە كۆرۈنمىگەن. گەرچە ئۇنىڭ ھازىر كونكرېت قايسى جىنايەت بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەر تۈپەيلىدىن خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە مەركەزلەشكەن.

ما شىڭرۈي خىتايدا بۇ يىل ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

سۇلايمان ئەزىز ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كەچۈرمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدى

يېقىندا كانادادا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر ياش سۇلايمان ئەزىز (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى) كانادادىكى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى تاراتقۇ ئورگىنى ”بيۇرو“ The Bureau نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىدىن كامبودژادىكى خىتاي جىنايى گۇرۇھلىرىنىڭ قۇللۇقىغىچە بولغان ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىر سام كوپېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتتا سۇلايماننىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، ئۇ 1996-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ ئۆز يۇرتىدا كىچىكىدىنلا «ھاشار» دەپ ئاتىلىدىغان ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. ئۇ ياشانغان ئاياللارنىڭ چۆل-باياۋانلاردا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىغا شاھىد بولغان. 2021-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدىكى پىلانى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەقىپ ئاستىدا قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن.

2024-يىلى، سۇلايمان خىتاي جىنايەت گۇرۇھى تەرىپىدىن كامبودژادىكى تېلېگراف ئالدامچىلىق مەركىزىگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە 17 مىڭ دوللارغا سېتىۋېتىلگەن. شۇ يەردە ئۇ ئالدامچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغان ۋە ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ئۈچۈن توك كالتەك بىلەن قىيناشقا دۇچار بولغان. ئۇ كانادالىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تۆلىگەن تۆلىمى ئارقىلىق مۆجىزە كەبى قۇتۇلۇپ قالغان.

مۇخبىر سام كوپېر بۇ دوكلاتىدا، باش مىنىستىر مارك كارنىي (Mark Carney) خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئېلېكترونلۇق ئاپتوموبىللىرىنى كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى، پارلامېنت ئەزاسى مايكول مانىڭ بولسا پارلامېنتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان ھەمدە سۇلايماننىڭ كەچۈرمىشلىرىنىڭ بۇ مەۋقەلەرنى رەت قىلىدىغان پاكىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2-ئاپرىل، سۇلايمان ئېزىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرچە تاراتقۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدا، ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت كەچۈرمىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي بايان قىلغان.

سۇلايمان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يالغان ئىسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، ئىسپات سۈپىتىدە ئۆز تېنىدىكى تاياق زەخمىلىرىنى مەتبۇئاتقا كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە يېڭىدىن سېنلىڭ (岑岭) ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان. بۇ يېڭى مەمۇرىي بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى رايوننىڭ مەمۇرىي خەرىتىسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى رەسمىي ئىش باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېنلىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنخۇا بازىرىغا جايلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ ئەسلى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۇدى يېزىسى بولۇپ، 2017-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى كەڭ-كۆلەمدە خىتايچىغا ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن، 2025-يىلى خىتايچە «شىنخۇا بازىرى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن.

2025-يىلى دېكابىردا، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە خېئەن ناھىيەسى (和安县) ۋە خېكاڭ ناھىيەسى (和康县) دېگەن ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى. بۇ يېڭى ناھىيەلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداخ تەۋەلىكىگە، بولۇپمۇ تالاش-تارتىشتىكى ئاقسايچىن رايونىغا چېتىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ چاغدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

يېڭى تەسىس قىلىنغان سېنلىڭ ناھىيەسى جەبۇب تەرەپتىن پاكىستانغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاشكارا چېگرا ماجراسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستان تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىگە بىرەر ئىنكاس قايتۇرۇشى ناياتىن كۆرۈنمەكتە.

سېنلىڭ ناھىيەسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى خېئەن ۋە خېكاڭدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە بىلەن بىر گەۋدىلىككە ئىگە دەپ قارالماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ ناھىيەلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى چېگرا رايونلارغا قارىتا مەمۇرىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇددىئالار ئاساس قىلىنغان دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خېئەن، خېكاڭ ۋە سېنلىڭ قاتارلىق بۇ ئۈچ ناھىيەنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىنىشى يالغۇز چېگرا مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ”بىر بەلۋاغ بىر يول“ پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئۇرۇشنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە، ئۇيغۇرچە تارىخي يەر - جاي ناملىرىنىڭ ئورنىغا خىتايچە ناملارنى بېرىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزگەرتىش، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.