مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىش ۋە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە زەينىدىن يۈسۈپنىڭ ئەينى چاغدىكى دوست ۋە سەپداشلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىمجان بۇغدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي رولى ۋە ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بۇ قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە، سانى 200 ئەتراپىدا بولغان زەينىدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى خىتاينىڭ ۋەزىپىدىكى 500 گە يېقىن قوراللىق كۈچى بىلەن ئېلىشىپ، بارىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنى قولىغا چۈشۈرگەن. ئەتىسى خىتاينىڭ 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تانكا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن يېتىپ كېلىپ، ئۇرۇش يەتتە كۈن داۋاملاشقان. بۇ جەرياندا زەينىدىن ۋە سەپداشلىرى يېزىلىق ھۆكۈمەتنى ئىككى كۈن كونترول قىلىپ تۇرالىغان ئىدى. بارىن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بۇ جاسارىتى ۋە ماھارىتى ئەينى چاغدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاياجانغا سالغان ۋە ئۈمىد بېغىشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تونۇلۇپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ دەسلەپكى قەدەملىرى بېسىلغان ئىدى.
