ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى «دەريا تاللا بازىرى»نىڭ ساھىبى ئەخمەت مەمەت، دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن 2023-يىلىنىڭ بېشىدا بازار باشقۇرۇش ۋە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغان ۋە ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2023-يىلى ئىيۇل ئېيىدا دۇكىنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن پېتى ئىز-دېرىكى بولمىغان.
بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ئەخمەت مەمەت ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولۇپ، 2002-يىلى ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، بىر مەزگىل تاشيول ئىدارىسىنىڭ شوپۇرلۇق خىزمىتىنى قىلغان، 2014-يىلىدىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئەخمەت مەمەتنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 2019-يىلى ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېردا بىر يىل يېتىپ چىققان. 2023-يىلدىكىسى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلۇشى بولۇپ، ئائىلىسى ئۈچ يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
بىز ئەخمەت مەمەتنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ساقچىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلار ئەخمەت مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى جازا ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئەخمەت مەمەتنىڭ مەزكۇر تۇغقىنىنىڭ دېيىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ دۇكىنىغا ھاراق سالماسلىقىنى ئىلگىرىكى بىر يىللىق «تەربىيەلەش»تە ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ، يەنى «دىنىي رادىكاللىق»تىن قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، قايتا تۇتقۇن قىلغان.
خوتەن يولى ساقچى خادىمىمۇ ئەخمەت مەمەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
