گىۋاتېمالادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ۋە «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى گىۋاتېمالادا ئېچىلغان «خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە مەشىق» ناملىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئائىلە پارچىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات بەردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بىرلىكتە قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بۇ يىغىندا تور بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئىنسان ھەقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. يىغىنغا دۆلەت ئەربابلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئىشتىراك قىلىدۇ.

پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ يىغىندا گىۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياپونىيە ۋە تەيۋەننىڭ گىۋاتېمالادىكى باش ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.