خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىگى ئەۋج ئالماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلاردا ئىشلەشكە يۆتكەش سىياسىتى كەڭ - كۆلەملىك ۋە ئومۇمى يۈزلىك تۈس ئېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شەنشىدىكى قارا خۇمدانلىقلاردا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان ئىشچىلار ۋەقە پاش بولۇپ، دۇنيانى زىل - زىلغا سالدى.

ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قەيەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، " ۋاڭ لېچۈەن، بۇ ئۇيغۇرلارنى سەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ بېرىپ ئاپتونوم ئوبلاست قۇرۇپ بەرمەكچىمىتى ؟ "دەپ سۇئال قويۇدۇ. سىدىقھاجى روزى يەنە، "ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماقچى" دېگەندىن ئىبارەت بۇ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى "ئۇيغۇرلارنى ۋەتىنىدىن يۆتكەپ يوقۇتۇش پاجىئەسى،" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلايسىز.