خىتاي «شىنجاڭ» نى ساقچىلار ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدىمۇ؟

خىتاي دۆلىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ، ھۆكۈمەت بولۇپ تۇرۇشى كۈنسايىن ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا سەپتە خىتايغا باغلىق ۋەزىيەت، ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا يىتىپ كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك جەنۇبىي دېڭىزغا مەركەزلەشكەن.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدا زور دەرىجىدە يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭا نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىك بىر ئاز پەسكويىغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ تامام ئەكسىچە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئۇيغۇرىستانغا ئەسكەر يۆتكىشى، ساقچى قوشۇنلىرىنى يۆتكىشى، مەسىلەن، بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى ئاقسۇدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان تەشۋىق-ۋەرەقىلەر پەيدا بولغاندىن كېيىن، 8‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى «يىلپىز» ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنى كۇچا ناھىيە ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يۆتكەپ كەلدى. بىرلا ئۈرۈمچى شەھىرىگە، يېقىندا يەنە 3 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، 2009 يىلى5‏-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇپ خىتاي مەملىكىتى تەۋەسىدىن 31 ئۆلكە، شەھەردىن ئەسكىرى قىسىم ۋە ساقچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كەلگەن. ئۇيغۇرىستان بىلەن پاكىستان چېگراسىغا يېقىندا، د ف 11ئا بەلگىلىك بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇردى.14-نويابىردىن، 27‏-نويابىرغىچە، ئۇيغۇرىستانغا يېقىن پاكىستان چېگراسى ئىچىدە «شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى» گە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

يۇقىرىقى ئالامەتلەر خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ «شىنجاڭ»-بۇ ئۆلكىنى خىتاينىڭ ساقچى ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى. خىتاي بىلەن ھىندىستان سۆھبىتىدە، خىتاي تەرەپنىڭ كەشمىر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى قىزىقارلىق بىر ئىش بولۇپ، قائىدە بويىچە ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىشى كېرەك ئىدى.

تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلىشىپ، ئۇيغۇرغا قارشى مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر چاغدا، ناتونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستان چېگرا قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلدى. ناتو مۇشۇ پەيتتە بەك ياخشى ئىش قىلدى. ناتونىڭ تېررورچىلارغا قارشى بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنى سىياسىي مۇساپىر ئۇيغۇرلار قوللايمىز دېيىشتى. چۈنكى، بۇ يەردە بىرلىشىپ ھەربىي مانېۋىر قىلىۋاتقان تېررورچىلار، پاكىستاننىڭ دۆلەت تېررورچىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويغۇچى ھەربىي قىسىملار ئىدى.

 شۇنىڭدىن كېيىنلا پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. مەسىلەن، جەنۇبىي ئۇيغۇرىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ خىتايغا قارشى، پاكىستانغا قارشى نامايىش قىلىشى زۆرۈر ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق نامايىش قىلىشقا يول قويمايتتى. ھازىر خىتاي مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ئېغىر قوراللارنى يۆتكىدى. نېمە ئىش قىلماقچى، ھىندىستانغا ئۇرۇش ئاچماقچىمۇ ياكى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا تەييار تۇرماقچىمۇ؟ خىتاي ئۇيغۇرىستانغا ساقچى قىسىملىرىنى، ھەربىي قىسىملىرىنى يۆتكىگەندە «مۇقىملىقنى ساقلاش» ئۈچۈن دەپ ئات قويۇۋالدى.

«مۇقىملىقنى ساقلاش» خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن تاشقى سىياسىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلامدۇ ياكى خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتىكى زوراۋانلىقى يەنە شۇ خىتاينىڭ تاشقى جەھەتتىكى زوراۋانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ بۇ ۋەزىيەت بۈگۈن ھەم خىتايغا باغلىق، ھەم خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە باغلىق دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى بولۇپ قالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت