شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا قۇربان ھېيت نامىزى ئورنىغا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزا 4-كەنتىدىكى ئاھالىلەر، قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى، يەنى 27-ماي كۈنى سەھەردە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان. پائالىيەتتە ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى بايان قىلىشقان. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەق ھېيت نامىزى مەزگىلىگە توغرىلانغان بۇ بايراق چىقىرىش پائالىيىتىدە ئالاقىدار خادىملار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تەشۋىقات خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ ئۇچۇرنى شۇ كۈنكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كېلىپ قاتناشقان بىر خىتاي كادىر نەق مەيداندىن تارقاتقان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىمۇ ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بىر كەنت باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ھېيت كۈنىدىكى بايراق چىقىرىشتا دۆلەت بايرىقىدىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى، بايراق چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دەرسلەر بېرىلگەن، بۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتى ھەققىدىمۇ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ كۈندىكى بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە شەھەر باشلىقىمۇ قاتناشقان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا، تاقىۋېتىلگەن ياكى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى ۋە بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاز بىر قىسىم ياشتا چوڭلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، ئېچىۋېتىلگەن شۇ مەسچىتلەرنىڭ شەھەر مەركەزلىرىدە، يەنى چەتئەللىكلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى، يەنى بىر مەيدان ساختا ھېيت تىياتىرى ئىكەنلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەندى.
2026-يىللىق ئوسلو مۇنبىرىدە رۇشەن ئابباس، زۇمرەتئاي ئەركىن ۋە كەۋسەر ياسىنلار سەھنىدە
2009-يىلىدىن بېرى ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ۋە «ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىنىڭ داۋوس يىغىنى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئوسلو مۇنبىرى يىغىنىدا بۇ يىل ئۈچنەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەھنىگە چىقتى. بۇلار «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى رۇشەن ئابباس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ كوردىناتورى كەۋسەر ياسىندۇر.
ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا رۇشەن ئابباس خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى قانداق ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى يىلدىن-يىلغا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆزگە كۆرۈنمەس، ئەمما ۋەھشىي ھالەتتە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ سۆزىدە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» ئېلان قىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 627 مىڭ كىشى سىغىدىغان كۆلەمدە ئىكەنلىكى ۋە بۇ ساننىڭ ئوسلو شەھىرىنىڭ نوپۇسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا، خىتاينىڭ يېقىندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى يولغا قويۇپ يىللاردىن بېرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى قانۇن بىلەن پەدەزلىگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇشەن ئابباس نۇتقىدا يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن بىر قاتار مىساللارنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنىڭ تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە خىرىستىيانلارغا قارىتامۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، دىنىي ئېتىقادقا، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە، شۇنداقلا ئىنسانلىققا قارشى بىر ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، نۆۋەتتىكى تارىخىي پۇرسەت چىڭ تۇتۇلمىسا ۋە خىتاي تىزگىنلەنمىسە، بۇ زورۋانلىقنىڭ بەدىلىنى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ دۇنيۋى كۆلەمدە تۆلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
زۇمرەتئاي ئەركىن ئۆتكەن يىلى ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ”ياش رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پىلانى“غا تاللانغان. ئۇ بۇ بىر يىل جەريانىدا بېلگىيە، كوستارىكا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا ئالاقىدار دەرسلەرنى ئالغان. ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كەۋسەر ياسىن بىلەن بىرلىكتە ئوسلو مۇنبىرىنىڭ «Ignite Talk» يەنى «تەسىرلىك سۆز» (ئوتلۇق نۇتۇق) قىسمىدا بەش مىنۇتتىن سۆز قىلغان؛ ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. زۇمرەتئاي سۆزىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسى باشتىن كەچۈرگەن خەۋپ-خەتەرلەرنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
خىتاينىڭ جازالىرى ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى ھەرىكەتتىن توختىتالمىدى
ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئۆتكەن ئاينىڭ 31-كۈنى پارلامېنتتا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. ياپونىيەگە بىر ھەپتىلىك پائالىيەت ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى شۇ كۈنكى يىغىندا سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى پەدەزلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ئويۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە ياپونىيە خەلقىگە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىمۇ بۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ ئەمەلىي چارە-تەدبىرلىرىنى بېكىتىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى سۇنغان.
دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى كېيجى فۇرۇيا (Keiji Furuya) ئەپەندىگە، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جازا فۇرۇيا ئەپەندىگە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىقى، جۈملىدىن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى. مەزكۇر جازا تەدبىرىدە، ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن ۋە خىتاي تەۋەلىكىدە مال-مۈلكى بار بولسا توڭلىتىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان ئىدى. كېيجى فۇرۇيا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي يولغا قويغان بۇ جازالارنىڭ ئۇنى ھەق تەرەپتە تۇرۇشتىن، يەنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ياپون-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق خىتاينىڭ مەزكۇر جازا ئېلانىدا ئۇنىڭ تەيۋەندىكى زىيارەتلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئەسلى ئەندىشىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ھەمكارلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
قازاق پائالىيەتچىلەر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قويۇلماقتا
قازاقىستاندا ئۆتكەن ئايدا قاماققا مەھكۇم قىلىنغان بىر قىسىم مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى 25-ماي كۈنى ئاستانىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سەپەردىن توسۇپ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلاردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئورالقان ئابېنقىزى بولۇپ، ئۇ يولدىشى تۇرسۇنبېك قابى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئورالقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئىككى سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ ئاستانىگە بارغىنىدا، پويىز بېكىتىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلارغا دۇچ كەلگەن.
ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا سەپىرىدىن توسۇپ قالغان ۋە ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ئىككى سائەتچە سوراق قىلغان ۋە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆيلىرىگە تارقىتىۋەتكەن. ئورالقان ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئۆزى تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىن ئىشتىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالغان. ئۇ تۈرمىدىكى يولدىشىنى يوقلاش ئۈچۈن ساقچىلاردىن سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تەلەپ قىلغىنىدا، بۇ تەلىپى رەت بولغان.
ئورالقاننىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ھەر خىل چەكلىمىلەر پەقەت قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقى بىلەن بولغان. ئۆتكەن ئايدىكى تالدىقورغان سوتىدىمۇ مەھكۇملارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلەيدىغان ھۆججەتلەر تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇنىڭدىن نەق 16 يىل ئىلگىرى قورغاس ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاي ئەلچىخانىسى خىتايغا ياندۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بولسا ئەرشىدىننى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئىككى ئەلچىخانىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى شۇ كۈرىشىنىڭ ھېلىھەم ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ يېڭى كۆلىمى ئاشكارىلاندى
29-ماي ”مالىيە ۋاقتى گېزىتى“ (Financial Times) مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاماق سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى كۆلىمىگە ئائىت ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلىدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ رايوندىكى 579 تۇتۇپ تۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى، يەنى، تۈرمە، قاماقخانا، لاگىر ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ چىققان. ئانالىز نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى تەخمىنەن 627 مىڭ ئادەمنى قاماش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ سان رايوندىكى ھەر 40 ئاھالنىڭ بىرىنى قاماشقا يېتەرلىك بوشلۇق بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ ئەسلىھەلەر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قاماش نىشانىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تېخىمۇ جەزملەشكەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىجىل ۋە كەڭ كۆلەملىك قاماق سىستېمىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن سىرت، بېيجىڭ دائىرىلىرى تېخىمۇ زور كۆلەملىك مەدەنىيەت يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەتلەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش ۋە ئەمگەك كۈچى يېشىدىكىلەرنى پىلانلىق ھالدا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن.
بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ۋە جەمئىيەتنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ تەپسىلىي پاكىتلىق دوكلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى ”ئەركىنلىك لوڭقىسى“ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
نيۇيورك شەھىرىدىكى راندال ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق «ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
مۇسابىقە جەريانىدا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەرقىي تۈركىستان كوماندىسى 28-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە كۈچلۈك رىقابەتچىسى بولغان تېبەت كوماندىسىنى 1:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلدى. كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىقى 30-ماي كۈنىمۇ داۋاملىشىپ، قالماق كوماندىسى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئالاھىدە ئۈستۈنلىكىنى نامايان قىلىپ، رەقىبىنى 0:5 نەتىجە بىلەن تامامەن بېسىپ چۈشتى.
ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلتۈرگەن بۇ غەلىبىلىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يول ئالغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كوماندىسى 31-ماي كۈنى چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تىبەت كوماندىسى بىلەن قايتا ئۇچراشتى. كەسكىن ئۆتكەن بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كوماندا 1:0 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشتى.
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوختۇر مۇھەممەت ئىمىن بۇ قېتىمقى ”ئەركىنلىك لوڭقىسى“ پۇتبول مۇسابىقىسىگە باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال كوماندىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىختىيارىي تەشكىللەنگەن ھەمدە يىتەرلىك ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە ئەمەس تۇرۇپمۇ، مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپلا قالماي، تەنتەربىيە ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بۇ جەسۇرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. ئۇلارنىڭ چىمپىيون بولالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.“
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك يادرو مۇداپىئە تورى بەرپا قىلماقتا
بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىدىكى چۆللۈك رايونلىرىدا يادرو ئامبىرىنى قوغداش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە غايەت زور كۆلەملىك ھەربىي ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرىگە قارىغاندا، بۇ قۇرۇلۇشلار قومۇلدىكى قىتئەلەر ئارا باللىستىك بومبا (ICBM) ئىسكىلاتلىرى ئەتراپىغا جايلاشقان.
سۈنئىي ھەمراھتىن ئېلىنغان تەسۋىرلەر ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە قۇرۇلغان، قومۇل يادرو ئىسكىلاتى بازىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئىككى چوڭ سەككىز بۇرجەكلىك ھەربىي ئەسلىھەنى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش 80 دىن ئارتۇق بېتون سۇپىنى ئاشكارىلىدى. ئانالىزچىلارنىڭ باھالىشىچە، ئۇلار كۆچمە ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تۈگۈنلىرى ياكى قىتئەلەر ئارا باللىستىك بومبا قويۇپ بېرىدىغان ھەرىكەتچان ئاپتوموبىللار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.
سەككىز بۇرجەكلىك قۇرۇلمىلار ئەتراپىدا يەنە يەر ئاستى ئىستىھكاملىرى، قورال ئامبارلىرى، ئايرودروم ۋە تۆمۈر يول لىنىيەلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ يەردىكى چوڭ مۇنارلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ قازانلىرى بۇ يەرنىڭ يادرو مەشغۇلاتىنى كونترول قىلىدىغان قوماندانلىق ۋە ئالاقەمەركىزى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. مۇشۇ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدىكى تەسۋىرلەردە بولسا، ئەسلىھەلەر ئەتراپىدا چوڭ تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىللار قاتناشقان ئاكتىپ مانېۋىرلار ۋە نىقاپلانغان قويۇپ بېرىش نۇقتىلىرى بايقالغان.
بىخەتەرلىك مۇتەخەسىسلىرىنىڭ پىكىرىچە، خىتاينىڭ بۇ دەرىجىدىكى زور كۆلەملىك مۇداپىئە ۋە ئالاقە تورى بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى — ئامېرىكىدىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان تۇنجى قېتىملىق يادرو زەربىسىدە ئۆز يادرو كۈچلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەن. تەيۋەن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بەش بۇرجەك بىنانىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي يادرو قوراللىرىنى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان بولۇپ، ھەربىي مۇتەخەسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆل-باياۋاندا بەرپا قىلغان بۇ نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق مۇداپىئە ۋە ئالاقە تورىنى «ئادەمنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلاددە قۇرۇلۇش» دەپ باھالىغان.
