قازاقىستاندا ئۆتكەن ئايدا قاماققا مەھكۇم قىلىنغان بىر قىسىم مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى 25-ماي كۈنى ئاستانىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، قازاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سەپەردىن توسۇپ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلاردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئورالقان ئابېنقىزى بولۇپ، ئۇ يولدىشى تۇرسۇنبېك قابى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن. ئورالقان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئىككى سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئالمۇتادىن يولغا چىقىپ ئاستانىگە بارغىنىدا، پويىز بېكىتىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان ساقچىلارغا دۇچ كەلگەن.
ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا سەپىرىدىن توسۇپ قالغان ۋە ساقچىخانىغا ئاپىرىپ ئىككى سائەتچە سوراق قىلغان ۋە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆيلىرىگە تارقىتىۋەتكەن. ئورالقان ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئۆزى تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىن ئىشتىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئالغان. ئۇ تۈرمىدىكى يولدىشىنى يوقلاش ئۈچۈن ساقچىلاردىن سالاھىيەت كىنىشكىسىنى تەلەپ قىلغىنىدا، بۇ تەلىپى رەت بولغان.
ئورالقاننىڭ رادىيومىزغا بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ھەر خىل چەكلىمىلەر پەقەت قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقى بىلەن بولغان. ئۆتكەن ئايدىكى تالدىقورغان سوتىدىمۇ مەھكۇملارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بىلەن جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلەيدىغان ھۆججەتلەر تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇنىڭدىن نەق 16 يىل ئىلگىرى قورغاس ناھىيەسىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتاي ئەلچىخانىسى خىتايغا ياندۇرۇپ ئەكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بولسا ئەرشىدىننى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئىككى ئەلچىخانىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى شۇ كۈرىشىنىڭ ھېلىھەم ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
