2 - قېتىملىق شەرق شامىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دەرۋازىسى ناھايىتى چوڭ بىر ئورگان ئىدى. خىتايلار كېلىپ ئىشىكنى چېكىشىگىلا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىشىكى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ. 3 - قېتىملىق شەرق شامىلى دۇنيا تېررورچىلارغا قارشى تۇرغاندىن باشلاپ جۇڭگو، خەلقئارا بىرلىكسەپكە قاتناشقانمىش.
ختاي ئەنە شۇنداق 3 قېتىم شەرق شامىلىدىن پايدىلانغان ئىمىش.
ئەينى چاغدا شەرق شامىلى، غەرب شامىلىنى بېسىپ كەتتى دېگەن ماۋ زېدۇڭ، قانداق بېسىپ كەتكەنلىكىنى ئوڭىدا ئەمەس، چۈشىدىمۇ كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، ئەمدى بۈگۈن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەۋلادى شەرق شامىلىنىڭ غەرب شامىلىنى بېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئوخشىمامدۇ؟ نەننىۋەن روھىدىن ئۈگىنىشنى تەرغىپ قىلىپ، «كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلار»غا قارشى شوئار توۋلاپ يۈرگەن جۇڭگولۇقلار، قاچاندىن باشلاپ غەرب شامىلىنى بېسىپ كەتكىدەك، شەرق شامىلى چىقارغاندۇ؟
جۇڭگو نۆۋەتتە، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىقتىساد دۆلىتىگە ئايلاندى، بىرىنچى دەرىجىلىك ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلاندى، بىرىنچى دەرىجىلىك پرىۋوت جۇغلانمىسى كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى، دەيدۇ،ماقالىسىدە يازغۇچى. ھازىرقى دۇنياغا كېرەك بولغان ئىقتىساد، تېخنىكا، ئىقتىسادنىڭ دەۋرى قىلىش خاراكتېرلىك ئۆتكىلىدىن، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۆتكىلىدىن، تەلەپچان ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغانمىدۇ، جۇڭگولۇقلار نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق بىرىنچى دەرىجىلىك دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغاندۇ. نېمىگە ئاساسلىنىپ ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدىغاندۇ؟
«ئامېرىكا، جۇڭگو بىلەن شەرقى ئاسىيادا تالاش - تارتىش قىلىۋاتىدۇ، 20يىلدىن كېيىن يەنە شۇنداق تالاش - تارتىش قىلالامدۇ» دەيدۇ، يازغۇچى. جۇڭگولۇقلار 20 يىل تەرەققى قىلىۋالغىچە، ئامېرىكىلىقلار ئۇخلاپ تۇرسۇن دەيدىغان بىر بۇيرۇق كەلمىگەندۇ، بىر يەردىن؟ جۇڭگو دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرامدۇ نېمە، يازغۇچىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئۇزايىغا قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە شۇنداق. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسى، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەت ئادالىتى قەيەرگە يىتىپ بارسا جۇڭگولۇقلار شۇ يەردە پەيدا بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار بىلەن قارشىلىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىران، شىمالىي كورىيە، سۈرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەسىلىسىدە جۇڭگو، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە قارشى پىكىر قىلىۋاتىدۇ.
ليۇ شۆۋى ئەپەندى ماقالىسىدە، ئامېرىكا 20 يىلدىن كېيىن، شەرقىي ئاسىيادا جۇڭگولۇققا بىر نېمە دىيەلمەيدۇ، دەيدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولۇققا 20 يىلمۇ ئەمەس، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا مەسىلىسىدە 20 كۈنمۇ ۋاقىت قالمىدى.