ئەزەربەيجان ئوبزورچىسى زائۇر بايراملى: يارىدا قان قالمىدى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئانا يۇرت» گېزىتىنىڭ 24-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا «يارىدا قان قالمىدى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئانا يۇرت» گېزىتىنىڭ 24-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجانلىق زائۇر بايراملىنىڭ «يارىدا قان قالمىدى» ماۋزۇلۇق ئوبزور. 2012-يىلى 24-دېكابىر.
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «ئانا يۇرت» گېزىتىنىڭ 24-دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجانلىق زائۇر بايراملىنىڭ «يارىدا قان قالمىدى» ماۋزۇلۇق ئوبزور. 2012-يىلى 24-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

ئەزەربەيجانلىق ئوبزورچى زائۇر بايراملي ئەپەندى يازغان بۇ ماقالىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە باشلىق تۈرك دۇنياسىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇ ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ:
تۈركىيىدە مەيلى كىمدىن شەرقىي تۈركىستاننى سورىڭىز ھەممىلا كىشى ئوخشاشلا «تۈرك دۇنياسىنىڭ قانلىق يارىسى» دەيدۇ. ئەمما ھەممىلا كىشى شۇ يارىنىڭ نېمىشقا قانىغانلىقىنى، قانداق دەۋاغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇ ياكى بولمىسا شۇ يارىدىكى قاننىڭ توختىشى ئۈچۈن زەررە چاغلىق كۈچ چىقاردىمۇ، مۇنازىرە نۇقتىسى مانا بۇ. تۈرك قوۋمى ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان دۇنيانىڭ ئەڭ شەپقەتسىز، ئەڭ يولسىز دىكتاتورا كۈچلىرىدىن بىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرماقتا. 35 مىليون ئىنسان ھەقىقەتەن پۈتۈن ھەقلىرىدىن يەنى، مىللىي، دىنى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاشقا مەھكۇم قىلىنماقتا.
بەزىدە يەنە ئۇيغۇر دەپمۇ ئاتىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ:
-مىللىي ئەنئەنىسىنى، كۈلتۈرىنى، قىسقىسى مىللىي كىملىك ئامىللىرىنى جەمئىيەتتە ئىلگىرى سۈرۈشى چەكلىنىدۇ.
-دىنىي ئادەت ۋە ئىبادەتلىرىنى داۋام قىلىشى چەكلىنىدۇ.
-15-16 ياشلاردىكى بالىلار «قوش تىللىق مائارىپ»نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ خىتاي رايونلىرىغا توشۇلماقتا ۋە ئۆز مىللىتىگە دۈشمەن كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈلمەكتە.

ئەزەربەيجانلىق ئوبزورچى زائۇر بايراملى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرىقىدەك زۇلۇملار بولۇۋاتسا تۈركىيىدە بەزى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈزۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك دەردلەرنى تارتىشىغا قارىماي تۈركىيىدە بولۇۋاتقان بەزى ئىشلار كىشىگە سىياسىي ئويۇندەك بىلىنىدۇ. مەسىلەن، دىنىي ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز 2011-يىلى خىتايغا بېرىپ كېلىپلا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇنىڭ باياناتى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىنى خاتىرجەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ يەردە ھېچقانداق بېسىم يوقلۇقى، ئۇ يەر ھەققىدە دېيىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى، 2012-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدا ئىسلام، كۈلتۈر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى» ناملىق پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا سۆز قىلغان گۆرمەز ئەپەندى بۇنچىۋالا بېسىم ۋە بۇنچىۋالا زۇلۇمنى كۆرۈشى كېرەك ئىدى. مەنچە ئۇ خىتايلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەرەپلەرنىڭ خۇددى قايسىبىر ئېلاندىكىدەك جەننەتنى كۆرسىتىپ جەھەننەمگە مەھكۇم قىلىش ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك ئىدى. جەننەتنىڭ ئېلانىغا ئىشىنىپ كەتكەن سەن، جەھەننەمگە مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلاردۇر.

ھۆرمەتلىك تۈركىيە دىنىي ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ بۇ يازدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 10-15 ياشلىق ئوغۇللارنىڭ قۇرئان كۇرسىغا بېسىپ كىرىپ بالىلارنى تاياققا تۇتقانلىقىدىن، قولغا ئېلىنىپ قىيىن قىستاقتا خۇدىنى يوقاتقانلىقىدىن، ھەتتا مىرزاھىت ئابدۇللاھ ئىسىملىك 11 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ بېشىغا تەگكەن تاياق زەربىسىدىن شېھىت بولغانلىقىدىن خەۋىرى بولۇشى كېرەك. بىرىنچىسىنىڭ (گۆكتۈرك-1)نىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بولمىغان تۇنجى تۈرك سۈنئىي ھەمراھى گۆكتۈرك-2 نىڭ خىتايدا قويۇپ بېرىلىشى يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا دۆلەت مەخپىيىتىمىزنىڭ خىتايلارغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىمۇ بىر ئويۇن بار.

يەنە بىر سىياسىي ئويۇن بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھېچقانداق بىر قانۇنىي توسۇق يوق تۇرۇپمۇ تۈركىيىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى. خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ياپونىيە جېنىدا ھەممە نەرسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە چاقىرىلىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەردى. 20 دىن كۆپ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قۇرۇلتايدا يەر ئالدى. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەبىئىي ھالدا ياپونىيىگە قارىغاندا تۈركىيىدىن تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ ۋە تۈركىيىنى ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى نىجات يۇلتۇزى قاتارىدا سانايدۇ. شۇڭلاشقا، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شېھىت بولۇشى ۋە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئاياغلاشقان قەتلىئام ۋاقتىدا تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ «بۇ بىر ئىنسانلىق قەتلىئامىدىن ئىبارەت. مەن خىتايلارنىڭ بۇ قەتلىئامنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېيىشى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئۈمىد ھەم ئىشەنچ ئاتا قىلغۇچى بىر قوللاش بولغان ئىدى. بۇ سەۋەبلىك خىتايلار ئۆزىنى ئازراق بىلىۋالغان ئىدى. دېمەك، ھەركىم ۋاقتى كەلگەندە مۇۋاپىق ھالدا ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرگۈلۈك. ئۇيغۇر تۈركلىرى بىزدىن مەيدانىمىزنىڭ ئۆزگىرىشچان ئەمەس قەتئىي بولۇشىنى كۈتىدۇ.

ئۇ ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانلارنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
قىسقىسى، 35 مىليون قېرىندىشىمىزنى ئاسارىتىگە ئالغان خىتاي ئۈستى ئوچۇق زىنداندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ خۇددى 35 مىليون جەنۇبىي ئەزەربەيجان تۈركلىرىنى ئاسارىتىگە ئالغان ئىرانغا ئوخشايدۇ. بۇ زىندانلارنىڭ باشقىلىرىدىن تۈپ پەرقى شۇكى، بۇ زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى تۈركتۇر. ئەگەر يەنە مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا، يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا تۈرك ئىسمى ئەمەس ئىزىمۇ قالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا ھەممىمىز بىللە قىلىشىمىز كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت