يازغۇچى ۋە پىداگوك ئابدۇللا تالىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم تارىخچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە جەم بولدى.

6-ئىيۇن ئىستانبۇلدا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مىللىي مائارىپ تارىخى تەتقىقاتىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە داڭلىق ئەدىب، پىداگوك ئابدۇللا تالىپنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شائىر، تەشكىلاتچى ۋە كارخانىچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇر پرۇجېكىت فوندى ۋە كانادا شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ۋۇجۇتقا چىقاردى.

يىغىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم تارىخچىلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە جەم بولدى. يىغىندا ئابدۇللا تالىپنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇلارنىڭ تېمىلىرى ۋە بۈگۈنكى رېئال قىممىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى سۆزگە چىقىپ، مەرھۇم ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئورتاقلاشتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يەنە بىر قۇتلۇق تەرىپى شۇ بولدىكى، ئابدۇللا تالىپنىڭ ئۇيغۇر رومانچىلىقى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «قاينام ئۆركىشى»، «چالا تەككەن ئوق»، «ئىگەرلىك ئات»، «لالە-قۇربان» ۋە «ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابلىرى تەكلىماكان نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىندى.

ئابدۇللا تالىپ 1926-يىلى كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ۋە 2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئۇ مائارىپ نەشرىياتىدا مۇھەررىر ۋە مائارىپ نازارىتىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا، شېئىرىيەت، دراماتورگىيە، رومانچىلىق ۋە مائارىپ تارىخى ساھەلىرىدە مول نەتىجىلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ، ئۇ 80- يىللارنىڭ باشلىرىدا رومان ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ۋە ئىنقىلابىي كۆرەشلىرى ئەكس ئەتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان رومانى «قاينام ئۆركىشى» نى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە، شۇنداقلا كىتابخانلار ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئەدىبنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي-ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە مىللىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.