تايلاند سوتى بۈگۈن بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇتخانا پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلغان ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ھۆكۈمگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «سوت مۇستەقىل ۋە ئادىل بولمىدى» دەپ ئەيىبلىدى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنى مەھكۇملارنىڭ قايتا ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا بۇ ئادالەتسىز سوتنىڭ داۋامىنى نازارەت قىلىشقا چاقىردى.
2015-يىلى يۈز بەرگەن مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسى تايلاند تەرەپ 109 ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە خىتاي ساياھەتچىلىرى مەركەزلىك ئىبادەت قىلىدىغان بىر بۇتخانا پارتلىتىلىپ، 20 كىشى ئۆلگەن، 129 كىشى يارىلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا تايلاند ساقچىلىرى ئادەم قاراداغ (Adam Karadagh) ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنى گۇمانلىق دەپ قاراپ قولغا ئالغان ئىدى.
بۈگۈن رادىيومىز بىرما بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند سوتى پارتلىتىشنى مەزكۇر ئىككى گۇماندارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ۋە قىلمىشى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا مەھكۇملارنى كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي زىيانلىرى سەۋەبلىك 30349 دوللار جەرىمانە تۆلەشكە بۇيرۇغان. ھۆكۈمنى ئاڭلىغان مىرئەلى ئىنگلىزچە ۋە تايلاند تىلىدا «ئادالەتسىزلىك!» دەپ توۋلاپ ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
سوتتا تايلاند تەرەپ ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا ئىككى گۇماندارنىڭ پارتلىغان بۇتخانا ئەتراپىدا بولغانلىقى، ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە بىر تاكسىچىنىڭ ئۇلارنى بۇتخانا ئەتراپىدىن باشقا ياققا ئېلىپ كەتكەنلىكى قاتارلىق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوتچىلار مەھكۇملارنىڭ جىنايەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، ئەمما مەۋجۇت پاكىتلارنىمۇ ئىنكار قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. سوت يەنە ئىككى مەھكۇمغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن قايتا ئەرز سۇنۇشقا 30 كۈن مۆھلەت بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مىرئەلى يۈسۈپ بىلەن ئادەم قاراداغ يىللاردىن بېرى ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىق بىلەن بىللە، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قاماقخانىدا قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، ئىشەنچلىك تەرجىمانلار بىلەن تەمىنلەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوت جەريانلىرىنىڭ ئادىل بولمايۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ يەنە مەلۇم قىلىشىچە، ئادەم قاراداغنىڭ ئادۋوكاتى گۇماندار ئادەم قاراداغنىڭ چىرايىنىڭ پاسپورتتىكى سۈرەتكە ھېچ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوتتا كىملىك تەكشۈرۈشنىڭمۇ تولۇق ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
رابىيە خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا مەزكۇر پارتلىتىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئەينى چاغدا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە ھېلىمۇ ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۇماندارلارنىڭ سوتلىنىش جەريانىدا ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، سوتنىڭ مۇستەقىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تايلاند تەرەپنىڭ 2015-يىلى 109 نەپەر، 2025-يىلى 40 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى خىتايغا قايتۇرغاندا خىتاينىڭ بېسىمىغا بويۇن ئەگكەنلىكى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقى ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىمۇ بېيجىڭنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىمىنىڭ تەسىرى بىلەن چىقارغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رابىيە خانىم باياناتىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى تايلاند سوتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىزچىل خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ، سوتنىڭ مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مەھكۇملارنىڭ قايتا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق جەريانلارنى نازارەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.
