ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى (UAA) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىزغىن ياشلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئىككى كۈنلۈك «ياشلار مەجبۇرىي ئەمگەك سېمىنارى» 30-ماي مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ پائالىيەت ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، شۇنداقلا بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
سېمىنارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئامېرىكا ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ تۈر مەسئۇلى جەۋھەر ئىلھام ياشلارغا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن مەخسۇس دوكلات بەردى. ئارقىدىن بۇ ياشلار ئامېرىكا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پالاتا ئەزاسى جەيمىس ۋالكېنشاۋنىڭ ئىشخانىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھەلىرى ياردەمچىسى ماگازىن سەيىد خانىم بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىنسام ھەقلىرى دەۋاسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش بويىچە يۈزتۇرانە سۆھبەتتە بولدى.
ئىككىنچى كۈنى ياشلار ئۆز ساھەسىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىممەتلىك لېكسىيەلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىياتىنى ؛ يەر شارىۋىي ھوقۇقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى (Global Rights Compliance) تەشكىلاتىدىن سەمىر گوسۋامى دۇنيادىكى مۇھىم قېزىلما ماددىلار تەمىنات زەنجىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تەسىرىنى؛ ئالىي مۇداپىيە تەتقىقات مەركىزى ((C4ADS دىن مىشېل كوندى بولسا تەمىنات زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ قىممەتلىك سۆھبەت ۋە مۇنازىرىلەر ياشلارغا زور ئىلھام بەردى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەتلىرىدىن ئايتۈرۈك تاشپولات ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىملىق سېمىنارغا ئاكتىپ قاتناشقان ياشلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىدا يارىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇنداق سىمېنارلارنى داۋاملىق تەشكىللەيدىكەن.
