7-ئىيۇن، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە، ئىككى نەپەر تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئامېرىكىلىق ئايال ئاپتورلار شەھناز قەمبىرى (تەخەللۇسى: SK. Korkmaz) بىلەن قېقېنۇس سىدىق (تەخەللۇسى: K. R. Foenix) نىڭ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان ۋە يېڭى نەشر قىلىنغان رومانلىرىنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا يازغۇچى شەھناز قەمبىرى ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشىر قىلىنغان «گۈل پادىشاھلىقى» (Kingdom of Gül) ناملىق فانتازىيەلىك رومانىنى تونۇشتۇردى. بۇ ئەسەردە، قوغداش قورغانلىرى ۋەيران بولغان بىر پادىشاھلىقنىڭ ئېغىر زۇلۇم خەۋپىگە دۇچ كېلىشى، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ۋە خەلقنىڭ سۈرگۈنلۈككە مەجبۇر بولۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار سېھرىي تۇيغۇلار گىرەلىشىپ كەتكەن فانتازىيەلىك ئوبرازلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
يازغۇچى قېقېنۇس سىدىق ئۆزىنىڭ يېڭى چىققان «قارا قانلىق بالا» (The Boy with the Black Blood) ناملىق رومانى ئۈستىدە توختالدى. روماندا 14 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ قەدىمكى سېھرىي مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى، كىملىك ئىزدەش مۇساپىسى ۋە قارا كۈچلەرنىڭ سۈيقەستىگە قارىشى دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھاياجانلىق كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن.
ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئاتاپ يېزىلغان بۇ فانتازىيەلىك رومانلاردا رەزىللىككە قارشى ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر بايان قىلىنىپ، سېھىرلىك كۈچكە ئىگە قەھرىمانلار ئوبرازلىرى يارىتىلغان بولۇپ، ھەققانىيەت، ئەركىنلىك ۋە گۈزەللك مەدھىيەلەنگەن. شۇنداقلا، رومانلارنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە ئۇيغۇرچە ئېلىمېنتلار سىڭدۈرۈلگەن.
يىغىنغا يانداشقان ھالدا يەنە، نەق مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ رەسىملەردە ئانا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت، مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان سۆيگۈ، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈش قاتارلىق تېمىلار گەۋدىلەنگەن بولۇپ، نەق مەيداندىكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
بۇ قېتىملىق كىتاب سۆھبىتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ياش ئۆسمۈرلەرگە ئۆز كىملىكىنى تونۇتۇش ھەمدە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى ئىككى ئايال ئاپتورنىڭ ۋە ئۆسمۈر رەسساملارنىڭ نەتىجىلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
