ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزا 4-كەنتىدىكى ئاھالىلەر، قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى، يەنى 27-ماي كۈنى سەھەردە قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان. پائالىيەتتە ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەتكە بولغان ساداقىتىنى بايان قىلىشقان. بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نەق ھېيت نامىزى مەزگىلىگە توغرىلانغان بۇ بايراق چىقىرىش پائالىيىتىدە ئالاقىدار خادىملار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تەشۋىقات خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ ئۇچۇرنى شۇ كۈنكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ئىچكىرى ئۆلكىدىن كېلىپ قاتناشقان بىر خىتاي كادىر نەق مەيداندىن تارقاتقان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىمۇ ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بىر كەنت باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، ھېيت كۈنىدىكى بايراق چىقىرىشتا دۆلەت بايرىقىدىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى، بايراق چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دەرسلەر بېرىلگەن، بۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتى ھەققىدىمۇ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ كۈندىكى بايراق چىقىرىش پائالىيىتىگە شەھەر باشلىقىمۇ قاتناشقان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا، تاقىۋېتىلگەن ياكى كۆرگەزمىلىك ئۈچۈن ساقلاپ قويۇلغان بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ھېيت نامىزى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى ۋە بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئاز بىر قىسىم ياشتا چوڭلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، ئېچىۋېتىلگەن شۇ مەسچىتلەرنىڭ شەھەر مەركەزلىرىدە، يەنى چەتئەللىكلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئېچىلغانلىقى، يەنى بىر مەيدان ساختا ھېيت تىياتىرى ئىكەنلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەندى.
