خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ۋەدىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىزچىللىشەمدۇ ؟

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا 1 - يانۋاردىن باشلاپ خىتايدىكى چەكلەنگەن رايونلارنىڭ چەتئەل ئاخبارات ساھەسىگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى خالىغان كىشىلەر ھەم خالىغان رايونلارنى رۇخسەتسىز زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى جاكالىغان ئىدى.

رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى بۈگۈنكى ئوبزورىدا "چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زاتلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلامدۇ -يوق،" دەپ سورىدى. ئۇ، " دېموكراتىيە ياخشى نەرسە،" سەرلەۋھىلىك بىر ماقالىنىڭ بېيجىڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى "جۇڭگودا ئوتتۇرىغا چىققان بەك قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك ھادىسە" دەيدۇ.