خىتاي ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىنقى خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغىنىدەك، بېيجىڭلىق ئاتاقلىق ئادۋۇكات گاۋ جىشىڭ ۋە شەندوڭلۇق ئەما ئادۋۇكات چىن گۇاڭچېڭغا ئوخشاش، خەلقلەرنىڭ دەردىگە يېتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ھەرىكەت قىلغان پائالىيەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىشىگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان باستۇرۇشىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.