7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە پەرەس ۋە ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەر ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ھەربى بازىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرىغا قارشى، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتچى كۈچلەر، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، رۇس ۋە قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ھەربىي بازىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ رايوننىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن ئىجابىي كۈچ ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن.
ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى. شۇنداقلا، "قىرغىزىستان مۇستەقىللىقى ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش يولىدا تۆككەن قان - تەرىگە قەرزدار،" دەپ كۆرسەتتى.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىر "ئويغۇنۇش،" ۋە " قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئوخشاشلا قىرغىزىستاننىڭ بىر ئىگىسى،" دەپ تەكىتلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنى ئاڭلايسىز.