بۇ خىتايدا بەلگىلەنگەن سىياسەتمۇ ياكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيىسىمۇ ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قۇتقۇزۇش باھانىسىدا بۇ يىل 100 مىڭ ئىشسىز دېھقاننى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا غۇل- غۇلا پەيدا قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرگە يۆتكىشىدىكى غەرىزى نىمە؟