دەۋا قىلىش ۋە توسقۇنلۇق
2004.09.03
ئوبزورچىمىز خۇ پىڭ (Hu Ping) ئەپەندى " دەۋا قىلىش ۋە توسقۇنلۇق" دىگەن تېمىدىكى ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنىڭ دەۋاگەرلەر يىغىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى شۇنداقلا دەۋاگەرلەرنىڭ ساقچىلارتەرىپىدىن قاتتىق باستۇرىلىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن بەكمۇ ھەيران بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن:
"مانا مۇشۇنداق ھەيۋەتلىك سېلىنغان مەركىزى ھۆكۈمەت ئىدارە ئورۇنلىرىنىڭ ئەتراپىغا، ساقچىلار توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار دەۋاگەرلەرنىڭ يولىنى توسۇپ، كۈپ-كۈندۈزدە ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ، تۇتقۇن قىلىپ، ھەتتا ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرمەكتە. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى: يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇش خىتاي قانۇنىدا رۇخسەت قىلىنغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن، دەۋاگەرلەر بۇ خىل يولسىز توساقلارغا دۇچ كېلىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە ئۈچۈن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ساقچىلار بولۇپ، ئۇلار دەۋاگەرلەر ئەرز سۇنۇپ كەلگەن ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىدىلا خالىغانچە ئادەم تۇتىدۇ؟ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسا، بىر تەرەپتىن "خەلقنىڭ يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بار" دەپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن دەۋاگەرلەرنى باستۇرۇش بۇيرۇقلىرىنى چۈشۈرمەكتە. ھەمدە "قانداق باستۇرۇش" دىگەن مەسىلىگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەكتە.
ئىشقىلىپ دەۋاگەرلەرنى ئەرز سۇنۇشتىن تۇسۇپلا قالالىسا، ھۆكۈمەت ھەر قانداق ۋەقە يۈز بەرگەن ھالەتتىمۇ، كۆزىنى پۈتۈنلەي يۇمىۋالىدىغان بولدى".
"كۆپ ۋاقىتلاردا، خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دېگەنلىك سوت ۋە سوتچى ئارقىلىق ئىش بېجىرىش دېگەنلىك. كىشىلەر ئارىسىدا جېدەل ماجىرا ياكى تالاش -تارتىش بولىدىكەن، ئادۋوكات تېپىپ، سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر، سوتچى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلسا، قايتىلاپ ئەرز سۇنۇشمۇ كەتمەيدۇ. لېكىن، خىتاينىڭ يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنۇش تۈزۈمىدە " بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، سوتقا ئەرز قىلىش ئەمەس بەلكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى پارتىيە، مەمۇرىي ئىدارە- ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك" دەپ بېكىتىلگەن. شۇڭا، قانۇن بويىچە كۆپ ساندىكى دەۋاگەرلەر بىر تەرەپتىن سوتقا ئەرز قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن پارتىيە مەمۇرى ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنىدۇ.
كۆپلىگەن تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىغانكى: سوت سېستىمىسى ئارقىلىق ھەل بولمىغان بەزى دىلولار يۇقىرىلاپ ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق ھەل بولغان. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ بەكمۇ مۇرەككەپ ئەمەس، چۈنكى خىتايدا، ئەدلىيە قانۇنى مۇستەقىل بولمىغانلىقتىن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ھوقوقدارلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر خىل مۇناسىۋەت تورى بولۇپ، ئاجىزلارنىڭ سوتتا ئۇتۇپ چىقالىشى بەكمۇ تەسكە توختايدۇ. مەركىزى ھۆكۈمەت ئورنى بولسا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن بولغاچقا، بەزىدە بىرئاز ئادىل بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئادىل بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
كۆپ ۋاقىتلاردا، بۇ خىل مۇستەبىت تۈزۈم سېستىمىسى ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز- ئارا بىرلىشىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. دەۋاگەرلەر ئۆزىمۇ بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئامالسىز قالغاچقا، قايتا - قايتىلاپ يۇقىرىغا ئەرزى سۇنۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت ھۆكۈمەتتىن ئادىللىق تىلەشلا بولۇپ قالماي، بەلكى جەمىيەتكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىك. شۇڭا ئۇلار توپ- توپ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۆچراۋاتقانلىقىنى كىيىملىرىگە يېزىش ئارقىلىق، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھۆكۈمەت ئىدارە- ئورۇنلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ شۇئار توۋلايدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئوچۇق -ئاشكارە ئىپادىلەپ، جامائەت پىكرىگە ئېرىشىپ، خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرمەندە بولغانلىقتىن، تەبئى ھالدا غەزەپلىنىپ، ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ياكى ساقچىلارغا يول قويۇش ئارقىلىق دەۋاگەرلەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇشنى ئويلايدۇ".
خىتاي ھۆكۈمىتى "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بارماقتا. مېنىڭ ئەسكەرتمەكچى بولىۋاتقىنىم: "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دىگەن بۇ شۇئار ئەمەلىيەتتە بىر قاپقان بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭ بارلىق ھەق-ناھەق، ياخشى - يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاستىن- ئۈستىن بولۇپ كېتىدۇ. دىمەك بۇ خىل شۇئار ئاستىدا، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان مەنپئەتخور ھوقوقدارلار مۇقىملىقنى قوغداش كۈچى بولۇپ ھېسابلىنىپ، ئەزەلدىن خورلىنىپ، ھەتتا ئۆز ئوي- پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلالماي كېلىۋاتقان خەلق ئاممىسى مۇقىمسىز ئامىلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەركىنلىك ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلمىغان مۇقىملىقنى زوراۋانلىق دەپ قاراش كېرەك. ھەرقانداق بىر ۋىجدانلىق ئادەم بۇ خىل زوراۋان تۈزۈمنى قوللاش ئەمەس بەلكى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك". (مېھرىبان)