0:00 / 0:00
يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئىلىدە يېزا - كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يېزىلاردىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى جۇملىدىن ياش ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرگە يۆتكەپ كېتىلمەكتە.
بۇ خىل سىياسەتنى ماھىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە ئىستانسىمىزنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.