خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۈزلەندۈرۈش" سىياسىتىنىڭ سىرى


2007.09.03

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى پويىز ئىستانسىلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، قارايدىغان بولساق مۇنداق بىر بىنورمال ھالەت داۋام قىلماقتا .

يەنى، بۇ پويىزلار خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن پاختا تېرىش، ئىش ئىزدەش باھانىسىدا ساناقسىز ئاققۇنلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە توشۇپ كېلىۋاتقان بولسا ، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى بويىچە تۈركۈملەپ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە.

مەزكۈر مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدى خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتىنىڭ سىرىنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.