0:00 / 0:00
يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گېرمانىيىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، "ئامېرىكىلىقلار ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقنى ئۆزى تۈزۈتۈشى لازىم، مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا زورلىماسلىقى لازىم" دېيىشكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئوبزورچىمىز سىقىق ھاجى روزى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.