0:00 / 0:00
ئۇزۇندىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئىختىلاپلار ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى چىرىكلىك دېلولىرى بىلەن چېتىشلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان خەۋەر ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا ئىدى.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بەزى مۇلاھىزىلەردە خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى بىلەن جياڭ زېمىن گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلاڭ.