0:00 / 0:00
يېڭى ئىرا تور بېتى، جوڭگۇغا نەزەر تور بېتى ۋە دۇنيا گېزىتىدە 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي خارەكتېرلىك ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەلەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازلىقىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
