خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، پاراۋان جەمئىيەت يارىتىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. لېكىن، بۇ ھەقتە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى سۈرئىتى خىتاي زېمىنى ۋە بايلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا قانداق بولىۋاتىدۇ؟ ئاز سانلىق مىللەتلەر جۈملىدىن خىتاينىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيىلىك مىللىتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قانداق مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان زېمىنلىرى ئاستىدا مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەم باشقا بايلىقلىرى تۇرۇقلۇق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار يەنىلا خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ئىنسانلاردىن بولۇپ قالدى، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئەشۇ كۆچمەن خىتايلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توۋەن .
بۇ خىتايلارغا ھەممىلا يەردە ئىش بار، ئەمما ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ، ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئاڭلايسىلەر
