0:00 / 0:00
چەتەللەردىكى ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىقتىسادنى ئاجايى – غارايىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئىسلاھاتقا سەل قارىغانلقىئىدىن ئەنسىرەشمەكتە. ئالىملار، ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2008 – يىلدىن كېيىن گۇمران بولۇپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە باشلىدى.
رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، خىتاي ئىقتىسادىدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇلارنىڭ جوڭنەنخەينىڭ جۇنڭو خەلقىگە تۇتقان يېڭى يىل سوۋغىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.