خۇ جىڭتاۋ ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالدى، جاڭ زېمىن دەۋرى ئاخىرلاشتى


2004.09.20

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 19 - سېنتەبىر كۈنى يېپىلغان مەركىزى كومىتېت يىغىنىدا، جاڭ زېمىن ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ ھوقۇقىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، جاڭ زېمىن دەۋرىگە خاتىمە بېرىلىپ، خۇ جىڭتاۋ - ۋېن جياباۋ گۇرۇھىنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇساپىسى ئاخىرلاشتى.

بۇ خىتاي يېڭى ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت تارتىۋالغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تىنچ يول بىلەن تاماملىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلغان دەۋرى جاڭ زېمىن دەۋرى بولۇپ، بۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتى زور ئۆزگىرىش ياسىغان مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار زور تارىخىي قارارلارنى چىقاردى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى 1996 - يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى 7 - نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ چىقىرىلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى سىدىق ھاجى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جاڭ زېمىن دەۋرىدىكى سىياسىتىگە باھا بېرىپ، جاڭ زېمىن دەۋرىدىكى سىياسەت خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى دەپ كۆرسەتتى:

بېيجىڭ دائىرىلىرى جاڭ زېمىن دەۋرىدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ دەۋردە 1992 - يىلدىكى بارىن ۋەقەسى، 1996 ۋە 97 - يىللىرىدىكى خوتەن - غۇلجا ۋەقەلىرى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىنىشى جاڭ زېمىن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيىدىكى ياۋرو-ئاسىيا ستراتېگىيە مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى تەھدىت دەپ قاراشنىڭ جاڭ زېمىن دەۋرىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.